باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئەركىن سودا كېلىشىمى جۇڭگو بىلەن سىنگاپورنىڭ سودا دەرۋازىسىنى تېخىمۇ كەڭ ئىچىۋەتتى

2018.11.15 15:16         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  11- ئاينىڭ 12 - كۈنى، جۇڭگو گوۋۇيۈەنىنىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ بىلەن سىنگاپور زۇڭلىسى لى شيەنلوڭنىڭ ئورتاق گۇۋاھ بولۇشى ئاستىدا جۇڭگو بىلەن سىنگاپور، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن سىنگاپور جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئەركىن سودىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش توغرىسىدىكى كېلىشىمنامىسىنى رەسمىي ئىمزالىدى . چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ ئوبزورىدا مۇنداق دېيىلدى: كېلىشىمنامىنىڭ ئىمزالىنىشى ، جۇڭگونىڭ ئەركىن سودا ۋە ئىقتىسادنى يەر شارىلاشتۇرۇش مەيدانىنى قەتئىي قوللايدىغانلىقىنى، ئەركىن سودا كېلىشىمىنىڭ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەندىن كېيىن، جۇڭگو بىلەن سىنگاپورنىڭ سودا دەرۋازىسىنىڭ تېخىمۇ كەڭ ئىچىۋىتىلىدىغانلىقىنى نامايەن قىلدى.

  سىنگاپوردا چىقىدىغان دېڭىز بوغۇزى ۋاقىت گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە: جۇڭگو بىلەن سىنگاپور ئەركىن سودا كېلىشىمىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش كېلىشىمنامىسىنى ئىمزالىغاندىن كېيىن، سىنگاپور كارخانىلىرى جۇڭگو بازىرىغا تېخىمۇ كۆپ كىرىش پۇرسىتىگە ئىگە بولىدىكەن ، ھەمدە ئۇنىڭ جۇڭگوغا مەبلەغ سېلىشى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك قوغدىلىدىكەن.

  سىنگاپوردا چىقىدىغان « ئاسىيا ئاخبارات يىغىنى » تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا : جۇڭگو بىلەن سىنگاپور ئىككى تەرەپنىڭ ئەركىن سودا كېلىشىمىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قاتار كېلىشىمنى ئىمزالىغان، بۇ سىنگاپور كارخانىلىرىنى جۇڭگودا تېخىمۇ چوڭ بازار ئىجازىتىگە ئىگە قىلىدىكەن .

  سىنگاپوردا چىقىدىغان « بىرلەشمە سەھەر گېزىتى » نىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلشىچە : ھەمكارلىق ھۆججەتلىرى ئىككى تەرەپنىڭ سودىنى قولايلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرىدىغان ئەركىن سودا كېلىشىمىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش كېلىشىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ ، بۇ ، ئىككى دۆلەتنىڭ كارخانا ۋە خەلقىگە كۆرۈنەرلىك ۋە ئەمەلىي مەنپەئەت يەتكۈزىدىكەن .


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر