باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئىسلاھات، ئېچىۋېتىلگەن 40 يىلدىن بۇيانقى 40 «بىرىنچى»: ئىسلاھات شامىلى بىلەن دېچىڭدا بارلىققا كەلگەن «زۇيچىڭفېڭ»

2018.11.16 16:25         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: موگەنشەن تېغى ئېتىكىدىكى «زۇيچىڭفېڭ» ئىستىراھەت مېھمانسارىيى بۇ يىل 9-ئايدا تۇنجى تۈركۈم ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋالدى. جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ دېچىڭ ناھىيەسى موگەنشەن بازىرىغا جايلاشقان بۇ ئىستىراھەت مېھمانسارىيى تاغلىرى يېشىل، سۈيى سۈزۈك ياخشى مۇھىتقا جايلىشىپلا قالماي، مېھمانساراي جايلاشقان يەر يەنە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن كېيىنكى تۇنجى يېزا كوللېكتىپىنىڭ تىجارەتلىك قۇرۇلۇش يېرىنى بازارغا سالغان تۈر.

  2015-يىلى 8-ئاينىڭ 24-كۈنى تۈر خوجايىنى بۇ كوللېكتىپنىڭ تىجارەتلىك قۇرۇلۇش يېرىنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقىغا ئېرىشكەندىن تارتىپ 2015-يىلى 12-ئاينىڭ 25-كۈنى «زۈيچىڭفېڭ» ئىستىراھەت مېھمانسارىيىدا قۇرۇلۇش باشلىنىپ، مېھمانساراي پۈتۈپ تىجارەت باشلىغۇچە، مەملىكەت بويىچە تۇنجى «يېزا يېرى»نى بازارغا سېلىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش تۈرىنىڭ نەتىجىسى چىقتى.

  تۈر خوجايىنى جاۋ جيەنلۇڭ مۇنداق دېدى: ئىلگىرى يەر ئىشلىتىش ھوقۇقى بولمىغاچقا، قايتىدىن قۇرۇلۇش قىلغىلى ياكى ئىشلىتىش ئورنىنى ئۆزگەرتكىلى بولمايتتى، 2000 كىۋادرات مېتىردىن ئارتۇق زاۋۇتقا سېلىنغان 1 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ تاغنىڭ ئىچىدە مۇشۇنداق «ئۇخلاپ» ياتتى. ئەينى ۋاقىتتا، موگەنشەن بازىرىنىڭ شيەنتەن كەنتىدە بازار قۇرغان شىركەتنىڭ بىر تاشلىۋېتىلگەن زاۋۇت بىناسى بولۇپ، بازاردىكى كوللېكتىپنىڭ ئىلىكىدە ئىدى. جاۋ جيەنلۇڭ سەھرا سەيلىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ياخشى پۇرسەت دەپ بىلىپ، بۇ يەرنى ئائىلىۋى ياتاق قىلىپ ئۆزگەرتمەكچى بولدى، لېكىن يەر خاراكتېرىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچراپ ئەمەلگە ئاشۇرالمىدى.

  يېزا كوللېكتىپىنىڭ تىجارەتلىك قۇرۇلۇش يېرىنى بازارغا سېلىش ئىسلاھاتى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، دېچىڭ ناھىيەسى تۇنجى تۈركۈمدە نۇقتىدا سىناق قىلىدىغان جايغا ئايلاندى. 2015-يىلى موگەنشەن بازىرىنىڭ كەسىپ يۆنىلىشى ئارام ئېلىش، ئېكولوگىيە ساياھىتى تىپىغا ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن، ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى تەستىقىي جاۋاب قىلغان «دېچىڭ ناھىيەسى موگەنشەن بازىرىنىڭ ئومۇمىي يىرىك پىلانى (2012-يىلدىن 2020-يىلىغىچە)»دا، بۇ سانائەت يېرى ساياھەت يېرى قىلىپ پىلانلاندى.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر