باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچى شەھىرىدە «سايباغ ئۈندىدار سوت مەھكىمىسى» قۇرۇلدى

دەۋالاشقۇچىلار ئۆيدىن چىقماي تۇرۇپلا تېلېفوندا دەۋا مۇلازىمىتىگە ئېرىشەلەيدۇ

2018.11.16 16:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: پەقەت يان تېلېفون ئارقىلىق تىزىملىتىپ رويخەتكە ئالدۇرۇپ، دېلو تۇرغۇزۇشنى ئالدىن كېلىشسە، سوتقا چىقىدىغان ۋاقىتنى ئۆز ئالدىغا بېكىتكىلى بولىدۇ، ئۆچىرەت تۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق.» 11-ئاينىڭ 11-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى يېڭىدىن يولغا قويغان يان تېلېفون «سايباغ ئۈندىدار سوت مەھكىمىسى» سۇپىسىغا چىقىپ دېلو تۇرغۇزسا، نەچچە سېكۇنت ئىچىدىلا ئاپتوماتىك ھالدا ئالدىن كېلىشكىلى بولىدۇ. شىنجاڭ جيەنيىڭ ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ ئادۋوكاتى پۇرۇجاپ بۇ تەدبىرنى ناھايىتى ياخشى كۆردى.

  ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان، دېلو قوبۇل قىلىشى ئىزچىل بىر قەدەر كۆپ، سوت مەھكىمىسىگە كېلىپ دەۋا سۇنىدىغان دەۋالاشقۇچىلارنىڭ ئۆچىرەت تۇرۇشى بىر قەدەر ئومۇميۈزلۈك ئەھۋال. بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش، دەۋالاشقۇچىلار ئۈچۈن قولايلىق يارىتىپ، ئۈنۈملۈك مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن، مەزكۇر سوت مەھكىمىسى مەخسۇس ئاپپارات تەسىس قىلىپ، ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ، «ئالاقە تورى+ سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار» تېخنىكىسىنى كىرگۈزۈپ، يان تېلېفون «ئۈندىدار سوت مەھكىمىسى»نى قۇرۇپ، توردا دېلو تۇرغۇزۇشنى ئالدىن كېلىشىش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، «ئۇچۇرنى كۆپ يۈگۈرتۈش، ئاممىنى ئاز ماڭغۇزۇش»نى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر