باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يەسلى مائارىپىنىڭ ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ھەققىدىكى پىكىر چىقىرىلدى

2018.11.16 15:11         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن يېقىندا يەسلى مائارىپى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر قېلىپلاشتۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇش ھەققىدىكى بىر قانچە پىكىرنى چىقاردى.

  پىكىردە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: يەسلى مائارىپى-ئۆمۈرلۈك ئۆگىنىشنىڭ باشلىنىشى، خەلق مائارىپ سىستېمىسىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى، مۇھىم ئىجتىمائىي جامائەتچىل ئىش. يەسلى مائارىپىنى ياخشى باشقۇرۇپ، بالىلارنى تەربىيەلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشتۈرۈش-پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدا چىقىرىلغان زور ھەل قىلغۇچ ئورۇنلاشتۇرۇش، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ پۇقرالار ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىشتىكى زور خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى بولۇپ، مىليونلىغان بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشى، جەمئىيەت ئىناقلىقى، مۇقىملىقى، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ كەلگۈسىگە مۇناسىۋەتلىك.

  پىكىردە مۇنۇلار تەكىتلەندى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئېلىمىز يەسلى مائارىپى ئىشلىرىنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇپ، بايلىقنى تېز كېڭەيتىپ، ئومۇملاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈپ، باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يەسلىگە كىرىش تەس بولۇش مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك يېنىكلەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە شۇنىمۇ كۆرۈشىمىز كېرەككى، ئاساس ئاجىز، مەسىلە كۆپ بولغاچقا، نۆۋەتتە يەسلى مائارىپى يەنىلا پۈتكۈل مائارىپ سىستېمىسىدىكى ئاجىز ھالقا بولماقتا، تەرەققىياتى تەڭپۇڭسىز، يېتەرسىز بولۇش مەسىلىسى ئىنتايىن گەۋدىلىك، يەسلىگە كىرىش تەس، قىممەت بولۇش مەسىلىسى يەنىلا پۇقرالارنىڭ بېشىنى قاتۇرۇۋاتقان ئىشلارنىڭ بىرى. يەسلى مائارىپى ئاممىۋى مۇلازىمەت سىستېمىسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى يەسلى مائارىپىنى ھەقىقىي ياخشى باشقۇرۇپ، بالىلارنى تەربىيەلىنىش ئىمكانىيىتىگە تېخىمۇ ياخشى ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن، يەسلى مائارىپى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر قېلىپلاشتۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇش ھەققىدىكى پىكىر چىقىرىلدى.

  پىكىردە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: 2020-يىلىغىچە، مەملىكەت بويىچە ئوقۇشتىن بۇرۇنقى ئۈچ يىللىق يەسلىگە كىرىش نىسبىتىنى %85 كە يەتكۈزۈش، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق يەسلى بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى، يەنى ھۆكۈمەت يەسلىلىرى بىلەن ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق پۇقراۋى يەسلىلەردىكى بالىلارنىڭ نىسبىتىنى %80 كە يەتكۈزۈش كېرەك.

  2020-يىلىغىچە، تولۇق، مەخسۇس كۇرسنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرىنى يېتىشتۈرۈش سىستېمىسى ئاساسەن شەكىللەندۈرۈلۈپ، تولۇق، مەخسۇس كۇرس بويىچە يەسلى مائارىپى كەسپىنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆلىمى 200 مىڭدىن ئاشۇرۇلىدۇ؛ يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ كەسپىي ئۆسۈپ يېتىلىش مېخانىزمى بەرپا قىلىنىپ، تەربىيەلەش دەرسلىك ئۆلچىمى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، قاتلام ۋە تۈرلەر بويىچە بىر مىليون 500 مىڭ ئەتراپىدا يەسلى مۇدىرى، ئوقۇتقۇچىسى يېتىشتۈرۈلىدۇ؛ ئادەتتىكى ئالىي مائارىپ قاتارلىق مەكتەپلەرنىڭ يەسلى مائارىپى كەسپىنىڭ سۈپىتىنى دەلىللەش ۋە كاپالەت سىستېمىسى ئورنىتىلىپ، يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرى قوشۇنىنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسى ۋە ئىلمىي بېقىش، تەربىيەلەش ئىقتىدارى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈلۈپ، يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنى، تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىش يەنىمۇ كۈچەيتىلىپ، كەسىپنىڭ جەلپكارلىقى كۆرۈنەرلىك يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ. 2035-يىلىغىچە، ئوقۇشتىن بۇرۇنقى ئۈچ يىللىق يەسلى مائارىپى ئەتراپلىق ئومۇملاشتۇرۇلۇپ، شەھەر-يېزىلارنى قاپلىغان، ئورۇنلاشتۇرۇشى مۇۋاپىق بولغان يەسلى مائارىپى ئاممىۋى مۇلازىمەت سىستېمىسى بەرپا قىلىنىپ، يەسلى مائارىپىنى باشقۇرۇشنىڭ مۇكەممەل تۈزۈلمىسى، يەسلى قۇرۇش تۈزۈلمىسى، سىياسەت كاپالەت سىستېمىسى شەكىللەندۈرۈلۈپ، بالىلارغا تېخىمۇ مۇكەممەل، تېخىمۇ مەنپەئەتدار، تېخىمۇ سۈپەتلىك يەسلى مائارىپى ئاتا قىلىنىدۇ.

  پىكىردە يەنە ئومۇميۈزلۈك تەلەپ سۈپىتىدە، ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە يەسلى باشقۇرۇش قۇرۇلمىسىنى سەرخىللاشتۇرۇش، يوللارنى كېڭەيتىش ئارقىلىق بايلىق تەمىناتىنى كۆپەيتىش، راسخوت سېلىنمىسىنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، پۇقراۋى يەسلىلەرنى قېلىپلىق تەرەققىي قىلدۇرۇش، يەسلىلەرنىڭ بېقىش ۋە تەربىيەلەش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىش قاتارلىقلار كونكرېت ئورۇنلاشتۇرۇلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر