خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 26-قېتىملىق رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنى 18-چېسلا پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسىنىڭ مورېسبى پورتىدا ئۆتكۈزۈلدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە «دەۋر پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىنى ئورتاق گۈللەندۈرەيلى» تېمىسىدا مۇھىم سۆز قىلىپ، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ ھەر قايسى تەرەپلەردە ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىش تەرەققىيات ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە ماسلىشىپ، رايون ئىقتىسادىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ئاساسىي مەقسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، ئېچىۋېتىلگەن دۇنيا ئىقتىسادى بەرپا قىلىش چوڭ يۆنىلىشىنى ئىگىلەپ، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ھەمكارلىقىنى تىرىشىپ ساقلاپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە مۇقىم ئىلگىرىلەشنى تەكىتلىدى.
يىغىنغا قاتنىشىشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتنىشىدىغان باشقا رەھبەرلەر بىلەن بىرلىكتە تەرتىپ بويىچە يىغىن زالىغا يېتىپ كېلىپ، پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسىنىڭ زۇڭلىسى ئونىلنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى.
شۇ جاي ۋاقتى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10دىن 30 مىنۇت ئۆتكەنلەردە، يىغىن باشلاندى. ئونىل يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. بۇ قېتىملىق ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنىنىڭ ئاساسىي تېمىسى «سىغدۇرۇشچان پۇرسەتنى ئىگىلەپ، رەقەملىك كەلگۈسىگە غۇلاچ ئاچايلى» بولدى. يىغىنغا قاتنىشىدىغان ھەر قايسى ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ رەھبەرلىرى «رەقەملەشتۈرۈلگەن كەلگۈسىنى باغلاپ، سىغدۇرۇشچان ئېشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك» قاتارلىق مۇھىم ئاساسىي تېمىلار توغرىسىدا كۆز قاراشلىرىنى چوڭقۇر ئالماشتۇرۇپ، ھەمكارلىق تارىخىنى ئەسلەپ، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئارزۇسىنى ئورتاق كېڭەشتى.
شى جىنپىڭ سۆزىدە مۇنداق كۆرسەتتى: بۈگۈنكى دۇنيادا، تەرەققىيات ۋە ئۆزگىرىش ناھايىتى تېز بولماقتا. تارىخىي تەرەققىياتنىڭ تۆت كوچا ئېغىزىدا تۇرغىنىمىزدا، بىزنىڭ دۇنيا ۋەزىيتىنى ئېنىق تونۇپ، ئىقتىساد تومۇرىنى ئىگىلەپ، كەلگۈسى يۆنىلىشىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، دەۋرنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىشىمىز كېرەك.
بىرىنچى، رايون ئىقتىسادىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئوچۇق ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىنى بەرپا قىلىش كېرەك. بىز سودا ۋە مەبلەغ سېلىشنى ئەركىنلەشتۈرۈش، قولايلاشتۇرۇشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈشىمىز لازىم. تۈرلۈك ئەركىن سودا ئورۇنلاشتۇرۇشىغا قارىتا، بىز ﺋﯧﭽﯩﯟېتىلگەن، سىغدۇرۇشچان، ئاشكارا بولۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ئۆزئارا ماسلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىجابىي ئۆزئارا ھەرىكەتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىمىز لازىم. قائىدىلەر ئاساس قىلىنغان كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى قەتئىي قوغداپ، قورۇقچىلىققا بايرىقىمىز روشەن ھالدا قارشى تۇرۇشىمىز كېرەك. دۇنيا سودا تەشكىلاتىنى ئىسلاھ قىلىشتا كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسى يادرولۇق قىممىتى ۋە ئاساسىي پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىنى تېخىمۇ ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان، ئومۇمىي مەنپەئەتدار، تەڭپۇڭ، ئورتاق پايدا ئېلىش يۆنىلىشىگە قاراپ تەرەققىي قىلىشقا يېتەكلەش لازىم.
ئىككىنچى، يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچنى يېتىلدۈرۈش كېرەك. بىز «ئالاقە تورى ۋە رەقەملىك ئىقتىساد يول خەرىتىسى»نى ئومۇميۈزلۈك تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ ئېشىش يوشۇرۇن كۈچىنى قويۇپ بېرىپ، رەقەملىك ئۇل مۇئەسسەسىلىرى ۋە ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، رەقەملىك ئىقتىساد ئۆتۈشچانلىقىنى كۈچەيتىپ، رەقەملىك چېگرانى تۈگىتىپ، ئوخشاش بولمىغان تەرەققىيات باسقۇچلىرىدا تۇرۇۋاتقان ئەزالارنى رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن قىلىپ، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى خەلقىنى رەقەملىك ئىقتىساد تەرەققىياتى بىلەن بىللە ئېلىپ مېڭىشىمىز كېرەك.
ئۈچىنچى، ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش، مۇكەممەللەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، سىغدۇرۇشچان ھەمتۈرتكىلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. بىز ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش پىلانىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، 2030-يىللىق ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى يېتەكچى قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، تەرەققىياتنى تېخىمۇ تەڭپۇڭ، ئېشىشنى تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل، پۇرسەتنى تېخىمۇ باراۋەر، جەمئىيەتنى تېخىمۇ سىغدۇرۇشچان قىلىشىمىز كېرەك.
تۆتىنچى، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، خىرىسقا بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇشىمىز كېرەك. بىز تەرەققىياتنى تەڭ قۇرۇشتەك بۇ ئورتاق نىزامدا چىڭ تۇرۇپ، ئورتاق خىرىسنى ھەل قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىشىمىز كېرەك. مەۋقەنى ئەمەلىيەتنىڭ كۆپ خىللىقىقا قويۇپ، ئۆزئارا تاللىغان تەرەققىيات يولىغا ھۆرمەت قىلىپ، ئېچىۋېتىش، كەڭ قورساق بولۇش ئاساسىدا ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىپ، ياخشى سۈپەتلىك رىقابەتلىشىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ھەمكارلىشىپ، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىشىمىز لازىم.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى