باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسى دەپ ئاتالغان بۇ دۆلەت بىلەن تونۇشۇپ چىقايلى

2018.11.16 15:15         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسى جەنۇبىي تىنچ ئوكياننىڭ غەربىگە جايلاشقان ئارال دۆلەت، ئوكيانىيەدىكى ئىككىنچى چوڭ دۆلەت، ئەنگلىيە فېدېراتسىيەسىگە ئەزا دۆلەت، يېڭى گىۋىنېيە ئارىلىنىڭ شەرقىي يېرىمى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى بىسمارك تاقىم ئارىلى، بۇگايىنۋل ئارىلى قاتارلىق 600 دىن ئارتۇق چوڭ-كىچىك ئاراللارنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ. دۆلەت نامى پاپۇئا ۋە يېڭى گىۋېنىيەدىن ئىبارەت ئىككى بۆلەكتىن تەركىب تاپقان.

  پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسى دۇنيادىكى ئانچە تەرەققىي قىلمىغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى. ئىقتىسادتا ئاساسلىقى يېزا ئىگىلىكىگە تايىنىدۇ، يېزا ئىگىلىكى پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسى ئىقتىسادىنىڭ %32 ىنى ئىگىلەيدۇ. ئاساسلىقى كان مەھسۇلاتلىرى، قەھۋە، كاكائو، كوكۇس قېقى، پالما مېيى، كاۋچۇك، ياغاچ ماتېرىياللىرى ۋە دېڭىز مەھسۇلاتلىرى قاتارلىقلارنى ئېكسپورت قىلىدۇ. پاپۇئا يېڭى گىۋېنىيەسىنىڭ 2013-يىلىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 7 مىليون 50 مىڭ، ئوكيانىيەدە يەر كۆلىمى جەھەتتە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ، نوپۇسى ئاۋسترالىيەدىن قالسىلا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. تۇغۇلۇش نىسبىتى %30.52، ئۆلۈش نىسبىتى %7.5. تاغ كۆپ بولۇپ، يەر شەكلى ئېگىز-پەس بولغاچقا، ئىچكى قۇرۇقلۇق قاتنىشى ئىنتايىن قولايسىز، دېڭىز يولىمۇ ناھايىتى قولايسىز. پايتەخت مورېسبى پورتىدىن دۆلەت ئىچىدىكى كۆپ قىسىم شەھەرلەرگە بارىدىغان تاش يول بار.

  پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسى جۇڭگونىڭ تىنچ ئوكيان ئارال دۆلىتى رايونىدىكى ئەڭ چوڭ مەبلەغ سېلىش ئوبيېكتى، نۆۋەتتە جۇڭگو مەبلىغى بىلەن قۇرۇلغان تەخمىنەن 40 كارخانا پاپۇئا يېڭى گىۋېنىيەسىدە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ۋە تۈرلۈك سودا كەسىپلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ، شۇ يەرگە نۇرغۇن ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى يارىتىپ بەردى. 20 نەچچە مىڭ جۇڭگولۇق ۋە جۇڭگو مۇھاجىرى پاپۇئا يېڭى گىۋېنىيەسىدە خىزمەت قىلماقتا ۋە تۇرمۇش كەچۈرمەكتە، ئۇلار شۇ يەرنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە، ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى كۆۋرۈكلۈك ۋە رىشتىلىق رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرماقتا. ئۆتكەن 10 نەچچە يىلدا جۇڭگو ھۆكۈمىتى پاپۇئا يېڭى گىۋېنىيەسىگە توققۇز تۈركۈم داۋالاش ئەترىتى ئەۋەتىپ، شۇ يەردىكى پۇقرالارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر