- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
لى كېچياڭ سىنگاپور زۇڭتۇڭى ھەلىمە ياقۇپ بىلەن كۆرۈشتى
2018.11.16 15:26 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
مۇشۇ ئاينىڭ 14-كۈنى چۈشتىن كېيىن ، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ سىنگاپور زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىدە سىنگاپور زۇڭتۇڭى ھەلىمە ياقۇپ بىلەن كۆرۈشتى.
لى كېچياڭ ئالدى بىلەن رەئىس شى جىنپىڭنىڭ زۇڭتۇڭ ھەلىمە ياقۇپقا يوللىغان سەمىمىي سالىمىنى يەتكۈزدى ، ھەمدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى : جۇڭگو بىلەن سىنگاپور دوستلۇق ئەنئەنىسىگە ئەمەل قىلىپ ، يۇقىرى قاتلامدىكىلەرنىڭ بېرىش - كېلىشىنى كۆپەيتتى، خادىملارنىڭ بېرىش - كېلىشى قويۇقلاشتى ، ئەمەلىي ھەمكارلىقىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى ساھەلەرنى ئاچتى ، ئىككى دۆلەت خەلقى بۇنىڭدىن مەنپەئەتلەندى . جۇڭگو سىنگاپور بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى مەزگىلدە تېخىمۇ زور تەرەققىياتقا ئېرىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ ، جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭى ئىلگىرىلەشلەرگە ئېرىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ، رايون ۋە دۇنيا تىنچلىقى ، تەرەققىياتى ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ .
ھەلىمە ياقۇپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى : زۇڭلى لى كېچياڭ بۇ قېتىم زىيارەت مەزگىلىدە ، ئىككى تەرەپ ئىمزالىغان ئەركىن سودا كېلىشىمىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 10 تۈرلۈكتىن كۆپرەك ھەمكارلىق كېلىشىمىنى ئىمزالاپ ، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى يېڭى سۇپا بىلەن تەمىنلەپ ، سىنگاپور بىلەن جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈردى. سىنگاپور جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن جۇڭگو ھەمكارلىقىنىڭ چوڭقۇر تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ .
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر