باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ 21- قېتىملىق جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر رەھبەرلىرىنىڭ يىغىنىغا قاتناشتى

2018.11.16 15:25         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ شۇ جاي ۋاقتى مۇشۇ ئاينىڭ 14 -كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سىنگاپوردا 21 - قېتىملىق جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى ( 1 + 10 ) رەھبەرلەر يىغىنى ۋە جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىنىڭ 15 يىللىقىنى خاتىرىلەش باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى .

  لى كېچياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى : 15 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتى ئاجايىپ مۇساپىلەرنى بېسىپ ئۆتۈپ ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ، ئورتاق پايدا ئېلىشنىڭ يېڭى ئەندىزىسىنى ياراتتى . جۇڭگو شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە ، بىردەك كېڭىشىش ئاساسىدا ، كەلگۈسى ئۈچ يىلدا ، « جەنۇبىي دېڭىز ھەرىكەت مىزانى »نى كېڭىشىشىنى ئورۇنلاش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى خالايدۇ .

  لى كېچياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت ئاستىدا، جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى ھەمكارلىقىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ، تېخىمۇ يېقىن بولغان جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى تەقدىرداش ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىشى كېرەك . 1-: ئىستراتېگىيەلىك پىلانىنى كۈچەيتىشى كېرەك . « بىر بەلباغ ، بىر يول »نى بىرلىكتە قۇرۇش تەشەببۇسى بىلەن « شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ 2025 يىللىق كەلگۈسى پىلانى»نى چوڭقۇر تۇتاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.2-: ئىقتىساد، سودا ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك . ئالاقىدار دۆلەتلەر بىلەن بىرگە بالدۇرراق ماھىيەتلىك ھالدا « رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي شېرىكلىك مۇناسىۋىتى كېلىشىمى سۆھبىتىنى ئاياغلاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمىز . 3-: يېڭىلىق يارىتىش يارقىن نۇقتىلىرىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك . 4-: ئادىمىيەت تۈۋرۈكىنى پۇختىلاش كېرەك. 5-: خەۋپسىزلىك ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىش كېرەك.

  يىغىنغا قاتناشقان شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئۆزىنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى جۇڭگونىڭ « بىر بەلباغ ، بىر يول » تەشەببۇسى بىلەن تۇتاشتۇرۇپ ، شەرقىي ئاسىيا ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشى ۋە رايون ئىقتىسادىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش مۇساپىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ . يىغىندا « جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتى 2030 - يىللىق كەلگۈسى پىلانى » ماقۇللاندى، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىقى بىرلەشمە باياناتى ئېلان قىلىندى ، 2019 - يىلنىڭ تاراتقۇلارنىڭ ئالماشتۇرۇش يىلى ئىكەنلىكى ئېلان قىلىندى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر