خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 11-ئاينىڭ 18-كۈنى، پۇجى ئارىلى ئەتراپىدىكى دېڭىز رايونىدا، خىزمەتچى خادىملار سۈزۈپ چىقىلغان «سۇمۇروغ» ناملىق ساياھەت كېمىسىنى ھادىسە يۈز بەرگەن رايوندىن يۆتكەپ، قۇرۇقلۇققا ئېلىپ چىقماقتا.
18-چېسلا، تايلاند ساياھەت ۋە تەنتەربىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ۋىللاسا تايلاندنىڭ پۇجى ئارىلىدا ساياھەت كېمىسى ئۆرۈلۈپ كېتىش ھادىسىسىدە سۇغا چۆكۈپ كەتكەن «سۇمۇروغ» ناملىق كېمىنى سۈزۈپ چىقىش ئەھۋالى توغرىسىدا توختالغاندا مۇنداق دېدى: تايلاند «سۇمۇروغ» ناملىق كېمىنى يۆتكەپ قىرغاققا ئېلىپ چىقىدۇ ۋە كېمە گەۋدىسىنى قامال قىلىپ، تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى