خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 17- نويابىر تەكلىپكە بىنائەن پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسىدىكى مورېسبى پورتىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ سودا-سانائەت رەھبەرلىرى باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى ھەمدە «جاپا- مۇشەققەتتە ھەمدەم بولۇپ، گۈزەل كېلەچەك يارىتايلى» تېمىسىدا ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلەپ، مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىيات توغرا يۆنىلىشىنى ئىگىلەپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى ئۈنۈملۈك ئىدارە قىلىش تەپەككۇرىنى تېپىپ چىقىپ، جاپا- مۇشەققەتتە ھەمدەم بولۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىدىن ئىبارەت چوڭ پاراخوتنى تېخىمۇ گۈزەل قىرغاققا قاراپ ھەيدەش لازىم. جۇڭگو ئۆز تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق گۈللىنىشىگە تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىدۇ. «بىر بەلباغ، بىر يول»نى بىرلىكتە قۇرۇش − جۇڭگونىڭ دۇنيا بىلەن پۇرسەتتىن ئورتاق بەھرىمەن بولىدىغان، ئورتاق تەرەققىي قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىدىغان داغدام يولىدۇر.
باشلىقلار يىغىنى مورېسبى پورتىغا توختىتىپ قويۇلغان «تىنچ ئوكياندىكى ئىزدەنگۈچى» ناملىق پوچتا پاراخوتىدا ئۆتكۈزۈلدى.
شى جىنپىڭ يىغىن مەيدانىغا قەدەم تەشرىپ قىلدى. قىزغىن ئالقىش ساداسى ئىچىدە، شى جىنپىڭ ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلىدى.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھازىرقى دۇنيا ئىقتىسادى داۋالغۇپ تۇرۇۋاتقان، خەۋپ-خەتەر گەۋدىلىك بولۇۋاتقان ۋەزىيەتتە، بىزنىڭ بىر كېمىدە، تەرەققىياتنى بىرلىكتە پىلانلىشىمىز ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە. ھەمكارلىشىش كېرەكمۇ ياكى قارشىلىشىش كېرەكمۇ؟ ئىشىكنى ئېچىۋېتىش كېرەكمۇ ياكى ئېتىۋېلىش كېرەكمۇ؟ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ئورتاق پايدا ئېلىش كېرەكمۇ ياكى تىركىشىش كېرەكمۇ؟ بۇ مەسىلىلەرگە قانداق جاۋاب بېرىش − ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئىتىگە، ئىنسانىيەتنىڭ ئىستىقبالى ۋە تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ بارلىققا كېلىشى ۋە تەرەققىياتى ئېچىۋېتىلگەن، يۇغۇرۇلغان تارىخ ئېقىمىغا ئۇيغۇنلاشقان، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ تەرەققىيات كۈچلۈك ئارزۇسىغا ئۇيغۇنلاشقان، ھەرقايسى ئەل خەلقلىرىنىڭ قول تۇتۇشۇپ خىرىسلارغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇش ئېھتىياجىغا ئۇيغۇنلاشقان. بۈگۈنكى كۈندە ئاسىيا- تىنچ ئوكيان رايونى − دۇنيا بويىچە ئەڭ كۈچلۈك ئېشىش كۈچى ۋە تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىگە ئىگە ئىقتىساد بۆلىكى، شۇنداقلا دۇنيا ئېتىراپ قىلىدىغان دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىدىكى مۇھىم ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچتۇر.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى