باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئەنگلىيەنىڭ خەلقئارا سودا ۋەزىرى: ئەنگلىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن كارخانىلارنىڭ ئۈنۈملۈك سودا قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىنىدۇ

2018.11.16 15:14         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئەنگلىيەنىڭ خەلقئارا سودا ۋەزىرى فۇكىس 11-ئاينىڭ 13-كۈنى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش سۆھبىتى نەتىجىسىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئەنگلىيە خەلقئارا سودا مىنىستىرلىقى كارخانىلارنىڭ ئەنگلىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلغان بىرىنچى كۈنىدىن باشلاپ ئۈنۈملۈك سودا قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ.

  فۇكىس مۇنداق دېدى: ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىشى ئۇنىڭ ياۋروپادىن ۋاز كېچىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ، ئەنگلىيە ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىپ ئۇل ئەسلىھەگە مەبلەغ سېلىۋاتىدۇ.

  فۇكىس مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئەنگلىيە سودىنى قۇتقۇزۇش، ئېكسپورتنى باشقۇرۇش، تاموژنا بېجى قاتارلىق تېخنىكىلىق ۋاسىتىلار ئارقىلىق كارخانىلارنىڭ ياخشى تەييارلىق قىلىشىغا ياردەم بېرىدۇ، ئۇ مۇنداق دېدى: ئەنگلىيە يېڭى بىر سودىنى قۇتقۇزۇشنى باشقۇرۇش ئىدارىسى تەسىس قىلماقتا، بۇ ئىدارىگە ئەنگلىيەنىڭ چەتئەلنىڭ تۆكمە قىلىپ سېتىشىغا قارشى تۇرۇش ۋە توسۇش مۇستەقىل ھوقۇقى بېرىلىدۇ، مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ تاموژنا قانۇن لايىھەسى يېقىندا قانۇن قىلىپ بېكىتىلىپ، ئۇنىڭغا ئەنگلىيەنىڭ ئۆز تاموژنا بېجى نىسبىتىنى بېكىتىش ھوقۇقى بېرىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر