ئۈچ دەريا مەنبەسى دۆلەت باغچىسىنىڭ خۇاڭخې دەرياسى مەنبەسى رايونىدا سۈرەتكە تارتىلغان قارا بۆرە (10-ئاينىڭ 11-كۈنى فوتوسى).
مۇخبىرنىڭ دۇنيا تەبىئەت فوندى دۆلەت باغچىسى تۈرى گۇرۇپپىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ تۈر گۇرۇپپىسى تەكشۈرۈش ئەترىتى يېقىنقى ئۈچ دەريا مەنبەسى دۆلەت باغچىسى خۇاڭخې دەرياسى مەنبەسى رايونىدا سۇ قۇشلىرىغا قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقاندا، چىڭخەي ئۆلكىسى گولو زاڭزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى مادو ناھىيەسىدىن ئاز ئۇچرايدىغان چىشى قارا بۆرىنى سۈرەتكە تارتىۋالغان.
دۇنيا تەبىئەت فوندى سۇلۇق يەر تۈرى ئالىي دېرىكتورى ۋېي باۋيۈنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ ئۈچ دەريا مەنبەسى رايونىدا تۇنجى قېتىم سۈرەتكە تارتىلغان قارا بۆرە بولۇپ، ئېلىمىزدىكى دالىلاردا قارا بۆرىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى دەلىللىگەن.
-شىنخۇا تورىدىن تەرجىمە قىلىندى
(لى لى فوتوسى)