باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

قۇمۇل شەھىرى ج خ ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ھاكىم دەرىجىلىك تەھقىقات خادىمى سۇڭ ۋېنسەي ئىنتىزام تەكشۈرۈش ۋە رېۋىزىيە تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلىۋاتىدۇ

2018.11.19 15:26         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: قۇمۇل شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ۋە رېۋىزىيە كومىتېتى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا،قۇمۇل شەھىرى ج خ ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ھاكىم دەرىجىلىك تەھقىقات خادىمى سۇڭ ۋېنسەي ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىقتىن، نۆۋەتتە قۇمۇل شەھىرى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ۋە رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش ۋە رېۋىزىيە تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلىۋاتىدۇ. (قۇمۇل شەھىرى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ۋە رېۋىزىيە كومىتېتى)

  سۇڭ ۋېنسەينىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى:

  سۇڭ ۋېنسەي، ئەر، خەنزۇ، 1959- يىلى تۇغۇلغان، شەندۇڭنىڭ لياڭشەن ناھىيەسىدىن، ئالىي مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە، 1988- يىلى 6- ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، 1977- يىلى 9- ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان.

  1977- يىلى 9- ئايدا قۇمۇل ۋىلايىتى قۇمۇل شەھەرلىك 5- ئوتتۇرا مەكتەپتە ۋاقىتلىق ئوقۇتقۇچى بولغان؛

  1980- يىلى 12- ئايدا قۇمۇل ۋىلايىتى قۇمۇل شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى يەتتە قۇدۇق ساقچىخانىسىنىڭ ساقچىسى بولغان؛

  1984- يىلى 6- ئايدا، قۇمۇل ۋىلايىتى قۇمۇل شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى كىچىك ئېرىق ساقچىخانىسىنىڭ ساقچىسى بولغان؛

  1988- يىلى 4- ئايدا، قۇمۇل ۋىلايىتى قۇمۇل شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى زوراۋانلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش چوڭ ئەترىتىنىڭ خەلق ساقچىسى بولغان؛

  1990 - يىلى 1- ئايدا،قۇمۇل ۋىلايىتى قۇمۇل شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى جىنايى ئىشلار چوڭ ئەترىتىنىڭ ساقچىسى بولغان؛

  1992- يىلى 5- ئايدا، قۇمۇل ۋىلايىتى قۇمۇل شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى جىنايى ئىشلار رازۋېدكا چوڭ ئەترىتى 2 ـ ئوتتۇرا ئەترىتىنىڭ باشلىقى بولغان (مۇئاۋىن بۆلۈم دەرىجىلىك)؛

  1994- يىلى 8- ئايدا، قۇمۇل ۋىلايىتى قۇمۇل شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى شەھەر ئەتراپى ساقچىخانىسىنىڭ باشلىقى بولغان؛

  1995- يىلى 8- ئايدا، قۇمۇل ۋىلايىتى قۇمۇل شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى شەھەر ئەتراپى ساقچىخانىسىنىڭ باشلىقى بولغان (بۆلۈم دەرىجىلىك)؛

  1997- يىلى 5- ئايدا، قۇمۇل ۋىلايىتى قۇمۇل شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى پارتكومىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن سىياسىي كومىسسارى بولغان؛

  2007- يىلى 2- ئايدا، قۇمۇل ۋىلايىتى قۇمۇل شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، كومىسسارى بولغان؛

  2007- يىلى 12- ئايدا، قۇمۇل ۋىلايەتلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ناھىيە دەرىجىلىك تەھقىقات خادىمى، قۇمۇل شەھەرلىك پارتكوم سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى پارتكومىنىڭ شۇجىسى بولغان؛

  2013- يىلى 10- ئايدا، قۇمۇل ۋىلايەتلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ناھىيە دەرىجىلىك تەھقىقات خادىمى، قۇمۇل شەھەرلىك پارتكوم سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى ۋە تەپتىش باشلىقى بولغان؛

  2016- يىلى 10- ئايدا، قۇمۇل شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ھاكىم دەرىجىلىك تەھقىقات خادىمى بولغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر