- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئىران، پاكىستان بىلەن چېگرا خەۋپسىزلىك ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلدى
2018.11.19 16:38 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ئىراننىڭ ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى فازىل مۇشۇ ئاينىڭ 17-كۈنى مۇنداق دېدى : نۆۋەتتە ئىران –پاكىستان چېگرا رايونىنىڭ خەۋپسىزلىك ۋەزىيىتى جىددىي بولماقتا، ئىران پاكىستان بىلەن چېگرا خەۋپسىزلىك ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئىران تاسنىم ئاگېنتلىقىنىڭ فازىلنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە: ئەگەر پاكىستان تېررورلۇق تەشكىلاتىغا زەربە بېرىش جەھەتتە قىيىنچىلىققا ئۇچرىغان بولسا، ئىراننىڭ پاكىستان رۇخسەت قىلغان ئەھۋالدا پاكىستان تەۋەسىدە ھەرىكەت ئىلىپ بېرىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. فازىلنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە: بۇنىڭدىن ئىلگىرى تېررورچى ئۇنسۇرلار تۇتقۇن قىلغان ئىران ھەربىي خادىملىرىنىڭ ئىچىدە بەش كىشى مۇشۇ ئاينىڭ 15-كۈنى قويۇپ بېرىلگەن. ئىران تەرەپ قالغان تۇتقۇن قىلىنغان خادىملارنىڭ قويۇپ بېرىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىكەن.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر