باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى دائىمىي يىغىن ئۆتكۈزدى

2018.11.19 15:49         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىر جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: 11- ئاينىڭ 16- كۈنى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دائىمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا شىنجاڭ پۇل مۇئامىلە كەسپىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىستاتىستىكا خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش، مەركەز يەرلىكنىڭ يولغا قويۇشىنى بېكىتكەن بىر تۈركۈم مەمۇرىي ئىجازەت تۈرلىرىنى بىكار قىلىش قاتارلىقلار مۇزاكىرە قىلىندى.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: پۇل مۇئامىلە كەسپىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىستاتىستىكىسى دۆلەت پۇل مۇئامىلە ئۇل ئەسلىھەلىرىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. پۇل مۇئامىلە كەسپىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىستاتىستىكىسىنى تېز ئالغا سىلجىتىش پۇل مۇئامىلىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادقا مۇلازىمەت قىلىش نەتىجە- ئۈنۈمىنى ئۈنۈملۈك نازارەت قىلىش- تەكشۈرۈش، مۇلازىمەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشنىڭ ئاچقۇچلۇق ئۇچۇر ئاساسى، ئالدىن كۆرەرلىك بىلەن سىستېما خاراكتېرلىك پۇل مۇئامىلە خەۋپ- خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش، پۇل مۇئامىلىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداشنىڭ تەخىرسىز ئېھتىياجى، پۇل مۇئامىلە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، زامانىۋى پۇل مۇئامىلە سىستېمىسى ئورنىتىشتىكى مۇھىم تەدبىر. شىنجاڭنىڭ پۇل مۇئامىلە كەسپىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىستاتىستىكا خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشتا، نۇقتىلىق ھالدا گىرەلەشمە پۇل مۇئامىلە مەھسۇلاتلىرىنى ئىستاتىستىكا قىلىشنى قانات يايدۇرۇش، يەرلىكنىڭ پۇل مۇئامىلە كەسپىنىڭ مۈلۈك قەرز جەدۋىلىنى تۈزۈش، سىستېمىنىڭ مۇھىم پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى ئىستاتىستىكا قىلىشنى قانات يايدۇرۇش، پۇل مۇئامىلە پاي كونترول شىركىتى قاتارلىق پۇل مۇئامىلە گۇرۇھلىرىنى ئىستاتىستىكا قىلىشنى قانات يايدۇرۇش، پۇل كىرېدىتى ئىستاتىستىكىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، يەرلىك پۇل مۇئامىلە تەشكىلاتلىرىنى ئىستاتىستىكا قىلىشنى قانات يايدۇرۇش، ئىستاتىستىكا سانلىق مەلۇماتىنىڭ سۈپىتىنى باشقۇرۇش- تىزگىنلەش مېخانىزمىنى ئورنىتىش، ئىستاتىستىكا ئۇچۇرلىرىدىن ئورتاق بەھرىلىنىش مېخانىزمى ئورنىتىش ۋە پۇل مۇئامىلە كەسپىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىستاتىستىكا سانلىق مەلۇماتىنى قېزىش- قوللىنىشنى زورايتىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئالاقىدار مەمۇرىي ئىجازەت تۈرلىرىنى بىكار قىلىش «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىغا تۈرتكە بولۇش، ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىش، مەمۇرىي تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، ھۆكۈمەتنىڭ مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، ئادىل، باراۋەر بازار تەرتىپىنى قوغداشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ. گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار ھۆججىتىدىكى تەلەپكە ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىز ئالاقىدار مەمۇرىي ئىجازەت تۈرلىرىنى ئەستايىدىل رەتلەپ، مەركەز يەرلىكنىڭ يولغا قويۇشىنى بېكىتكەن بىر تۈركۈم مەمۇرىي ئىجازەت تۈرلىرىنى بىكار قىلىشنى قارار قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىش داۋامىدا ۋە ئىشتىن كېيىنكى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتتى.

  يىغىندا يەنە باشقا ئىشلارمۇ مۇزاكىرە قىلىندى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر