باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ كۆكتوقاي ئورمان رايونىدا ئېيىقسىمان بۇلغۇن تۇنجى قېتىم سۈرەتكە تارتىلدى

2018.11.20 16:25         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شەھەر ئىستېمالى سەھەر گېزىتى خەۋىرى: 11-ئاينىڭ 14-كۈنى، ئالتاي تېغى دۆلەت ئىلكىدىكى ئورمان باشقۇرۇش ئىدارىسى كۆكتوقاي تارماق ئىدارىسىنىڭ سىرتقا ئاشكارىلىشىچە، دۆلەت 1-دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ھايۋان ئېيىقسىمان بۇلغۇن كۆكتوقايدىكى ئورمان رايونىدا بايقالغان بولۇپ، ئالتاي تېغى دۆلەت ئىلكىدىكى ئورمان باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ كۆكتوقاي تارماق ئىدارىسى ئېگىز تاغدىكى كۆزىتىش نۇقتىسىدا تۇنجى قېتىم سۈرەتكە تارتىۋېلىنغان.

  11-ئاينىڭ 6-كۈنى كېچىدە تارتىلغان سىن كۆرۈنۈشىدە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ ئېيىقسىمان بۇلغۇن قارلىق دالىدا ئوزۇق ئىزدەۋاتقان بولۇپ، پات-پات قەدىمىنى توختىتىپ ئەتراپقا قارايتتى، ئۇنىڭ بۇ تۇرقىدىن بۇ دائىرىنى ئىنتايىن پىششىق بىلىدىغانلىقى، ئازراقمۇ پەخەس بولغان قىياپەتتە ئەمەسلىكى چىقىپلا تۇراتتى.

  ئالتاي تېغى دۆلەت ئىلكىدىكى ئورمان باشقۇرۇش ئىدارىسى كۆكتوقاي تارماق ئىدارىسى خىزمەتچى خادىمىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئېيىقسىمان بۇلغۇننىڭ بۇ رايوندا پەيدا بولۇشى ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدىغان بولۇپ، بۇ، ئورمان رايونىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنىڭ كونكرېت ئىپادىسى ئىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر