باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئىقتىسادى ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەھبەرلىرى ياش ئەمگەك كۈچلىرىنى يېتىلدۈرۈشكە دىققەت قىلدى

2018.11.19 16:37         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پاپۇئا يېڭى گۋىنىيىسىنىڭ پايتەختى مورېسبى پورتىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ سودا-سانائەت رەھبەرلىرى يىغىنىغا قاتناشقان 500 دىن ئارتۇق ۋەكىل مۇشۇ ئاينىڭ 17-كۈنى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئىقتىسادى ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر ئىقتىسادىي گەۋدىلىرى ياش ئەمگەك كۈچلىرىنى ئېتىبار بېرىش سىياسىتى ۋە مائارىپ جەھەتتىن تەربىيەلەش بىلەن تەمىنلەپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. بۇ قېتىمقى باشلىقلار ئۇچرىشىشى مورېسبى پورتىدا توختىغان «تىنچ ئوكياندىكى ئىزدەنگۈچى» ناملىق پاراخوتتا ئۆتكۈزۈلدى. بۇ پاراخوت تەۋە بولغان ئاۋسترالىيە كارنىۋال شىركىتىنىڭ رەئىسى ئەن شىلى مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: كۆچمە ئالاقە تورى تېخنىكىسى قاتارلىق يېڭى تېخنىكىلارنىڭ دۆلەت ھالقىغان كارخانىلارنىڭ باشقۇرۇش ۋە شىركەتلەرنىڭ تىجارىتىدە كەڭ دائىرىدە قوللىنىشىغا ئەگىشىپ، ئالاقە تورى دەۋرىدىكىلەر ئاساسىي گەۋدە بولغان ئەمگەك كۈچى توپىغا ماسلىشىش ئۈچۈن، نۇرغۇن دۆلەت ھالقىغان كارخانىلارنىڭ خىزمەت ئۇسۇلى ۋە تەشكىلىي قۇرۇلمىسىنى ئىسلاھ قىلىشىغا توغرا كەلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر