باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىنىڭ يىغىنىنى ئاچتى

  قاتتىق ئىنتىزام ئارقىلىق پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

2018.11.19 15:45         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرىمىز لياڭ لىخۇا، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ۋاڭ يۇڭشياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 11- ئاينىڭ 15- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىنىڭ يىغىنىنى ئېچىپ، يولداش جاۋ لېجىنىڭ خېنەن ئۆلكىسىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغان ۋاقىتتىكى مۇناسىۋەتلىك تەلەپلىرىنى يەتكۈزۈپ، ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەدبىرلىرىنى مۇزاكىرە قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇۋەققەت مۇدىرى ياڭ شىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ، ساداقەتمەنلىك بىلەن پارتىيە نىزامنامىسى ۋە ئاساسىي قانۇندا بېرىلگەن مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىپ، ئىنتىزام ئىجراسى جاۋابكارلىقىنى نازارەت قىلىشنىڭ ئەمەلىي نەتىجە- ئۈنۈمى ئارقىلىق پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەمر- پەرمانلىرىنىڭ راۋانلىقىغا، بۇيرۇقنى قەتئىي ئىجرا قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى مۇقىملىق داۋامىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇش، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىش، ئىقتىسادىي تەرەققىيات مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش قاتارلىق سىياسەت- تەدبىرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىش- تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىشنى زىچ چۆرىدەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىش- تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىشنى زىچ چۆرىدەپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىش- تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىشنى زىچ چۆرىدەپ، مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەرنىڭ مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىش، تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى چىرىكلىك ۋە ئىستىل مەسىلىلىرىنى مەخسۇس تۈزەشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «تۆت كەيپىيات»، «تۆت خاھىش» مەسىلىسىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ، كادىرلار ئىستىلىنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشىغا، تۈپتىن ياخشىلىنىشىغا، ئومۇميۈزلۈك ياخشىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىنى قوغداشنىڭ ئەمەلىي نەتىجە- ئۈنۈمى ئارقىلىق ئاممىنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ پۇختا ئاممىۋى ئاساسىنى مۇجەسسەملەش كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر