باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىلدىكى 40 «بىرىنچى»: خېجەي كەنتى «كەنت ئاھالىسى ئاپتونومىيەسىدىكى بىرىنچى كەنت»

2018.11.20 15:49         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «كەنت ئاھالىسى ئاپتونومىيە گۈلى ئېچىلدى خېجەيدە بىخ سۈرۈپ» بۇ ليۇ سەنجيېنىڭ يۇرتى گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونى خېچى شەھىرى يىجوۋ رايونى پىڭنەن يېزىسى خېجەي كەنتى ئاھالىلىرىنىڭ ئەڭ ياقتۇرىدىغان ناخشىسى. 1980-يىلى، خېجەي كەنتى تۇنجى بولۇپ سايلام ئارقىلىق كەنت ئاھالىلەر كومىتېتى قۇرۇپ، «كەنت ئاھالىسى ئاپتونومىيەسىدىكى بىرىنچى كەنت»كە ئايلاندى.

  خېجەي كەنتىنىڭ ئوتتۇرىسىدا 300 نەچچە يىللىق قەدىمىي كامفورا دەرىخى قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ، بۇ دەرەخ كەنت ئاپتونومىيە تۈزۈمىنىڭ خېجەي كەنتىدە بارلىققا كەلگەنلىكى ۋە ئۇ بېسىپ ئۆتكەن تارىخنىڭ شاھىتى. 38 يىل ئىلگىرى ئېتىزلارنى ئائىلىلەرگە تەقسىم قىلىپ بەرگەندىن كېيىن، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش قىزغىنلىقى ئاشتى، لېكىن ئىشلەپچىقىرىش ئەترىتى قۇرۇقدىلىپ، جەمئىيەت ئامانلىق بۇزۇلدى.

  بۇ ئەھۋالنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن، 1980-يىلى 2-ئاينىڭ 5-كۈنى كەچتە، ئەينى ۋاقىتتىكى خېجەي كەنتى «گوزوتۈن» 1-ئىشلەپچىقىرىش ئەترىتىنىڭ باشلىقى ۋېي خۇەن باشقا بەش ئىشلەپچىقىرىش ئەترىتىنىڭ كادىرلىرىنى يىغىپ، چوڭ كامفورا دەرىخى ئاستىدا پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە كەنت ئاھالىلىرى ۋەكىللەر يىغىنى ئېچىپ، يېڭى باشقۇرۇش تەشكىلاتى قۇرۇش ۋە كەنت رەھبەرلىك بەنزىسى سايلاش ئويىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بىرەيلەن بۇنى كەنت ئاھالىلەر كومىتېتى دەپ ئاتاش تەكلىپى بەردى.

  ئەتىسى، كەنتنىڭ توپ مەيدانىدا سەھنە ياسىلىپ، لوزۇنكا ئېسىلىپ، پۈتۈن كەنتتىكى 143 ئاھالە ۋەكىلى بىر-بىرلەپ ئالدىغا چىقىپ بىلەت تاشلاپ، جۇڭگو دېھقانلىرىنىڭ «دېموكراتىك ھوقۇقىنى بىۋاسىتە يۈرگۈزۈپ، ئۆزىنىڭ ئىشىنى قانۇن بويىچە بېجىرىپ، ئۆزىنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىنى يارىتىش»تەك تارىخنىڭ مۇقەددىمىسىنى ئاچتى. بىلەت تاشلاپ سايلام ئارقىلىق ۋېي خۇەن كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك مۇدىرلىقىغا سايلاندى ۋە كەنت ئەھدىنامىسىنىڭ ماقۇللىقىدىن ئۆتتى. شۇنىڭ بىلەن ئائىلىلەرنىڭ تىجارەت-ئىشلەپچىقىرىش شەكلىگە ماسلاشقان يېڭى تەشكىلات مۇشۇنداق بىر چەت تاغلىق كەنتتە بارلىققا كەلدى.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى قاتارلىقلار دەرھال خىزمەت گۇرۇپپىسى ئەۋەتىپ نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ، گۇاڭشى دېھقانلىرىنىڭ ئىجادىيىتىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. 1982-يىلى ئېلىمىز تۈزىتىپ ئېلان قىلغان ئاساسىي قانۇندا، كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ ئېلىمىز يېزىلىرىدىكى ئاساسىي قاتلام ئاممىۋى ئاپتونوم تەشكىلاتى ئىكەنلىكى بېكىتىلىپ، كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ قانۇنلۇق ئورنى رەسمىي ئېتىراپ قىلىندى.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر