خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 19- نويابىر باندار سېرى بېگاۋاندا بىرۇنېي سۇلتانى ھەسسەنال بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو-برۇنېي مۇناسىۋىتىنىڭ پائال تەرەققىيات ۋەزىيىتىگە يۈكسەك باھا بەردى، ھەمدە جۇڭگو-برۇنېي ئىككى تەرەپ ئارا ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ۋە شېرىكلىك مۇناسىۋىتى ئورنىتىشنى، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىدىغان، ئىقتىسادىي جەھەتتە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈشىدىغان، ئۆزئارا مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇپ، كۆپ تەرەپلىك ياردەم بېرىدىغان ياخشى شېرىكلەردىن بولۇشنى بىردەك قارار قىلدى.
شى جىنپىڭ ھەسسەنالنىڭ جۇڭگو-برۇنېي مۇناسىۋىتىگە ئۇزاقتىن بۇيان كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە ئەھمىيەت بېرىپ كېلىۋاتقانلىقىغا يۈكسەك ئاپىرىن ئېيتتى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بۇ مېنىڭ تۇنجى قېتىم برۇنېيغا زىيارەتكە كېلىشىم. برۇنېي خەلقىنىڭ قىزغىن دوستلۇقى، بولۇپمۇ يول بويى بىزنى قارشى ئالغان ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ چىرايىدا ئۇرغۇپ تۇرغان سەمىمىي دوستانە تەبەسسۇملىرى كىشىنى تەسىرلەندۈرىدۇ. مانا بۇ، جۇڭگو-برۇنېي ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ چوڭقۇر دوستلۇقىنىڭ ھەقىقىي كارتىنىسىدۇر. برۇنېينىڭ ھاكىمىيەت ئىشلىرى ئوڭ، ئەل ئىناق ۋە خەلق خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلماقتا، «تىنچ ۋە ئىتتىپاق مەملىكەت» دېگەن كاتتا نامغا مۇناسىپ. جۇڭگو بىلەن برۇنېينىڭ تارىخىي مەدەنىيەت ئالاقىسى ئۇزاق ۋە چوڭقۇر. ئىككى دۆلەت بولسا، دېڭىز ئارقىلىق قارىشىپ تۇرىدىغان يېقىن قوشنىلار، شۇنداقلا ئۆزئارا ئىشىنىشىدىغان دوستلار ۋە شېرىكلەر ھېسابلىنىدۇ. ئىككى تەرەپ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق- شېرىكلىك مۇناسىۋىتى ئورنىتىشنى قارار قىلدى، دەل سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىدىغان، ئىقتىسادىي جەھەتتە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈشىدىغان، ئۆزئارا مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشۇپ، كۆپ تەرەپلىك ياردەم بېرىدىغان ياخشى شېرىكلەردىن بولۇش، ھەمدە ھەمكارلىق نەتىجىلىرى ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى نەپ يەتكۈزۈشتىن ئىبارەت.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى