- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ماداغاسقار زۇڭتۇڭ سايلىمىغا 2-قېتىم ئاۋاز بېرىلىدۇ
2018.11.19 16:38 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ماداغاسقار دۆلەتلىك مۇستەقىل سايلام كومىتېتى مۇشۇ ئاينىڭ 17-كۈنى كەچتە ئېلان قىلغان بېلەت ھېسابلاش نەتىجىسىگە قارىغاندا، يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن زۇڭتۇڭ سايلىمىدا بىرەر نامزات ٪ 50 دىن يۇقىرى ئاۋازغا ئېرىشەلمىگەن، ئېرىشكەن ئاۋازى ئالدىنقى قاتاردا تۇرغان ئىككى نەپەر نامزات ئىككىنچى نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ رىقابىتىگە قاتنىشىدىكەن. ماداغاسقار مۇشۇ ئاينىڭ 7-كۈنى زۇڭتۇڭ سايلىمى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، جەمئىي 36 نامزات قاتناشقان. بېلەت ھېسابلاش نەتىجىسىدە ئايان بولۇشىچە: ئاندىرى بىلەن ماك ئايرىم ئايرىم ھالدا %39.19 ئاۋازغا ۋە %35.29 ئاۋازغا ئېرىشىپ، ئالدىنقى ئىككىنچى ئورۇندا تۇرغان. بۇ قېتىمقى سايلامدا جەمئىي 5 مىليوندىن كۆپرەك سايلىغۇچى ئاۋاز بېرىشكە قاتناشقان بولۇپ، بېلەت تاشلاش نىسبىتى تەخمىنەن % 54 ىنى ئىگىلىگەن.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر