خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 11-ئاينىڭ 18-كۈنى، كۆرگەزمىگە قاتناشقان سودىگەرلەر ئېكىسكۇرسىيىچىلەرگە بىر خىل ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئادەمسىز ئۆلچەش كېمىسىنى تونۇشتۇرماقتا.
شۇ كۈنى، تۇنجى نۆۋەتلىك ب د ت دۇنيا جۇغراپىيە ئۇچۇر يىغىنىنىڭ تېخنىكا ۋە ئەمەلىي قوللىنىش كۆرگەزمىسى جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ دېچىڭ ناھىيەسىدە باشلاندى. دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى 200دىن ئارتۇق كۆرگەزمە سودىگەرلىرى كۆرگەزمىگە قاتنىشىپ، جۇغراپىيەلىك ئۇچۇر، سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق يول باشلاش، ئاۋىياتسىيە ئالەم قاتنىشىدا يىراقتىن سېزىش قاتارلىق ساھەلەردىكى ئىلغار تېخنىكا ۋە قوللىنىشلارنى ئۇنىۋېرسال كۆرگەزمە قىلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى