خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 11-ئاينىڭ 18-كۈنى، بېشىغا مىكى چاشقان زىننەتلىرىنى ئارتىۋالغان ساياھەتچىلەر شاڭخەي دېسنىي شادلىق باغچىسىنىڭ تىلسىملىق بالىلار چۆچىكى قورغىنى ئالدىدا مۇزىكىلىق ساليوت ئويۇنى كۆرمەكتە.
شۇ كۈنى، شاڭخەي دېسنىي ئىستىراھەت رايونى بىلەن يەر شارىنىڭ نۇرغۇن جايلىرىدىكى دېسنىي ئىستىراھەت رايونلىرى بىرلىكتە داڭلىق كارتون مىكى چاشقان ئوبرازلىرى − مىكى بىلەن مىننىنىڭ 90 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلىدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى