باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

پوچتا تور نۇقتىسىدا قاتناش قانۇنىغا خىلاپ قىلمىشلارنى بىر تەرەپ قىلغىلى بولىدىغان بولدى

2018.11.19 08:38         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «ئىشىك ئالدى»دىكى پوچتا تور نۇقتىسىدا ئىستېمالچىلار موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ نومۇر تاختىسى، شوپۇرلۇق كىنىشكىسىنى تولۇقلاش، ئالماشتۇرۇش، قاتناش قانۇنىغا خىلاپ قىلمىشلىرىنى ئۆزى بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق 25 خىل كەسىپنى بېجىرىش كېلەر يىلى 6-ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن مەملىكەت دائىرىسى ئىچىدە ئەمەلگە ئېشىشتىن ئۈمىد بار.

  يېقىندا، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى ئىشخانىسى، دۆلەتلىك پوچتا ئىدارىسى ئىشخانىسى ۋە جۇڭگو پوچتا گۇرۇھى شىركىتى «ساقچى-پوچتا ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، پوچتا تور نۇقتىلىرىدا جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتناش باشقۇرۇش كەسپى خىزمىتىنى ۋاكالىتەن بېجىرىشنى يەنىمۇ يولغا قويۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى بىرلىكتە تارقاتتى، مەملىكەت بويىچە پوچتا تور نۇقتىلىرىدا قاتناش باشقۇرۇش كەسپىنى ۋاكالىتەن بېجىرىش يولغا قويۇلۇپ، قاتناش باشقۇرۇش مۇلازىمىتى مەھەللىلەر، ناھىيە، يېزىلارغىچە كېڭەيتىلىپ، ئاساسىي قاتلام بىرلا بېكەتلىك ئۇنىۋېرسال خەلققە قولاي مۇلازىمەت سۇپىسى بەرپا قىلىنىپ، قاتناش باشقۇرۇش كەسپىنى توردا بېجىرىش، يېقىن ئەتراپتا بېجىرىش، بىرلا قېتىمدا بېجىرىش ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: جايلار ئالدىنقى مەزگىللىك سىناقتا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش تەجرىبىلىرى ئاساسىدا، ھازىرقى قاتناش باشقۇرۇش مۇلازىمەت تور نۇقتىسىنى بىر تۇتاش ئويلىشىپ، كەسىپ ئېھتىياجى كۆپ مەھەللە ۋە شەھەر ئەتراپى، ناھىيە، يېزىلارغا مۇلازىمەتنى نۇقتىلىق كېڭەيتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە، ناھىيە يېزا تور نۇقتىسى قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىپ، 54 مىڭ پوچتا تور نۇقتىسىنىڭ %70ى يېزىلاردا بولۇشتەك پايدىلىق شارائىتتىن پايدىلىنىپ، يېزا قاتناش بىخەتەرلىكى «ئىككى پونكىت ئىككى خادىم» قۇرۇلۇشى بىلەن ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىدۇ.

  مۆلچەرلىنىشىچە 2018-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر ۋە ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلاردا بىر ئىككىدىن شەھەر، ۋىلايەتتە پوچتا تور نۇقتىسىدا قاتناش باشقۇرۇش كەسپىنى ۋاكالىتەن بېجىرىش قانات يايدۇرۇلىدىكەن، 2019-يىلى 6-ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن، بۇ كەسىپ بارلىق ۋىلايەت، شەھەرلەرنى قاپلايدىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر