باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

رۇەن فۇجوڭ: ۋېتنام بىلەن جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى ئۆزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشنى خالايمىز

2018.11.19 16:36         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ۋېتنامنىڭ دۆلەت رەئىسى رۇەن فۇجوڭ مۇشۇ ئاينىڭ 17-كۈنى ۋېتنامنىڭ پايتەختى خانويدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ۋېتنام- ۋېيتنام بىلەن جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ، ھەمدە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشنى خالايدۇ. شۇ كۈنى، جۇڭگونىڭ ۋېيتنامدا تۇرۇشقا يېڭىدىن تەيىنلەنگەن باش ئەلچىسى شوڭ بو ۋېيتنام رەئىس مەھكىمىسىگە بېرىپ، رۈەن فۇجۇڭغا دۆلەت خېتىنى تاپشۇردى. رۇەن فۇجۇڭ شوڭ بونىڭ يېڭىدىن ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەنلىكىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، ھەمدە، ۋېيتنامنىڭ- ۋېيتنام بىلەن جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى، جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە، ۋېيتنام بىلەن جۇڭگونىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق، شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شوڭ بو مۇنداق دېدى : ئىككى پارتىيە ۋە ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ئىستىراتېگىيەلىك يېتەكلىشىدە، جۇڭگو-ۋېيتنام مۇناسىۋىتىدە ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى بارلىققا كەلدى. مەن ۋېيتنامدا تۇرۇشقا يېڭىدىن تەيىنلەنگەن باش ئەلچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەتنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكىلىرى ئورتاق ھاسىل قىلغان تونۇشنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگو-ۋېيتنام مۇناسىۋىتىنىڭ سىجىل، ساغلام، مۇقىم تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن پائال تىرىشچانلىق كۆرسىتىمەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر