- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
جۇڭگو بىلەن مىسىرنىڭ سودا سانائەت ساھەسىدىكى ئەربابلار ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەت تەرەققىياتىنىڭ تېزلىتىلىشىنى ئۈمىد قىلدى
2018.11.19 16:36 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
2-نۆۋەتلىك مىسىر جۇڭگو مەبلەغ سېلىش سودا يەرمەنكىسى يەنى « بىر بەلباغ، بىر يول » جۇڭگو-مىسىر ھەمكارلىق مۇنبىرى مۇشۇ ئاينىڭ 17-كۈنى، مىسىرنىڭ پايتەختى قاھىرەدە ئۆتكۈزۈلدى. يىغىنغا قاتناشقان جۇڭگو بىلەن مىسىرنىڭ سودا سانائەت ساھەسىدىكى ئەربابلار مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: بىر بەلباغ، بىر يول چوڭ ئارقا كۆرۈنۈش ئاستىدا، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىدىن ئۈمىد بار. مىسىرنىڭ سودا سانائەت مىنىستىرى ناسار مۇنداق دېدى : جۇڭگونىڭ بىر بەلباغ، بىر يول تەشەببۇسى مىسىر بىلەن جۇڭگونىڭ ئىقتىساد-سودا ئالاقىسىنى كۈچەيتىشتە غايەت زور تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ، جۇڭگونىڭ كۆپلىگەن چوڭ ئوتتۇرا تىپتىكى كارخانىلىرىنىڭ بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىگە قاتناشقانلىقى، مىسىر بازىرىنىڭ جۇڭگو شىركەتلىرىنى جەلپ قىلىش كۈچىنىڭ زورلىقىنى كۆرسەتتى. مىسىرنىڭ سابىق زۇڭلى ئېيسام شەرىف مۇنداق دېدى : يېقىنقى يىللاردىن بۇيان مىسىر بىلەن جۇڭگو مۇناسىۋىتى تېز تەرەققىي قىلىش يولىغا كىردى، ئەمەلىي ھەمكارلىق سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئۆسۈپ، جۇڭگو مىسىرنىڭ مۇھىم ئىقتىساد-سودا شېرىكىگە ئايلاندى. مىسىر جۇڭگو سودا جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى دىيا ھېرمې مۇنداق دېدى : ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ئەھمىيەت بېرىشى ئارقىسىدا، مىسىر بىلەن جۇڭگونىڭ ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسىدە تېز تەرەققىي قىلىشىدىن ئۈمىد بار.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر