باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

2- نۆۋەتلىك «جۇڭگو-ئەرەب دۆلەتلىرى پارتىيەلىرىنىڭ سۆھبەت يىغىنى» خاڭجۇدا ئۆتكۈزۈلىدۇ

2018.11.20 15:05         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى تاشقى ئالاقە بۆلۈمى ئۇيۇشتۇرغان 2- نۆۋەتلىك «جۇڭگو-ئەرەب ئەللىرى پارتىيەلىرىنىڭ سۆھبەت يىغىنى» 11- ئاينىڭ 22- كۈنى جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ خاڭجۇ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ. يىغىندا، «قول تۇتۇشۇپ، تېخىمۇ گۈزەل دۇنيا بەرپا قىلايلى» شوئارى ئاساسىي تېما قىلىنىدۇ. مۆلچەرلىنىشىچە، شۇ چاغدا ھەر قايسى ئەرەب دۆلەتلىرىدىكى 60 نەچچە پارتىيە تەكلىپكە بىنائەن يىغىنغا قاتنىشىدۇ.

  2- نۆۋەتلىك«جۇڭگو-ئەرەب دۆلەتلىرى پارتىيەلىرىنىڭ سۆھبەت يىغىنى» بولسا، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو-ئەرەب ئەللىرى ھەمكارلىق مۇنبىرى 8- نۆۋەتلىك مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە بىر-بىرى بىلەن بولغان دوستانە ئالاقىسى ۋە ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر