باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى خەلق قۇرۇلتىيى ئاخباراتچىلىق جامائەت پىكرى كادىرلىرىنى تەربىيەلەش سىنىپى ئاچتى

يېڭى ۋەزىيەتتە خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئاخباراتچىلىق جامائەت پىكرى خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىلدى

2018.11.20 15:07         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئىشخانىسى يېقىندا بېيجىڭدا 2018- يىللىق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئاخباراتچىلىق جامائەت پىكرى كادىرلىرىنى تەربىيەلەش كۇرسى ئاچتى. 31 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون ۋە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېت ئورگانلىرىنىڭ ئاخباراتچىلىق جامائەت پىكرى خىزمىتىنىڭ مەسئۇللىرى كۇرسقا قاتناشتى.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى بەنگۇڭتىڭى ئالاقىدار مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ قېتىم ئېچىلغان كۇرسنىڭ مەقسىتى بولسا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتىكى مۇھىم ئىدىيەسى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك تەشۋىقات-ئىدىيە خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، پارتىيە 19ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى، بولۇپمۇ 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1- يىغىنىدىن بۇيانقى خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئاخباراتچىلىق جامائەت پىكرى خىزمىتى ئەھۋالى ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرۇش؛ يېڭى دەۋردە خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئاخباراتچىلىق جامائەت پىكرى خىزمىتىنى قانداق قىلىپ ياخشى ئىشلەشنى تەتقىق قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇش، ھەمدە خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئاخباراتچىلىق جامائەت پىكرى خىزمىتىنىڭ سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈشتىن ئىبارەت.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر