خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 11-ئاينىڭ 19-كۈنى، چەت ئەللىك مېھمانلار كۆرگەزمىدە شاڭخەي چەت ئەل ساھىلىنىڭ مەنزىرە مودېلىنى ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا.
شۇ كۈنى، دۆلەت مۇزېيىدا ئۆتكۈزۈلگەن «ئۇلۇغ ئۆزگىرىش – ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش چوڭ تىپتىكى كۆرگەزمىسى» مەخسۇس چەت ئەللىك مېھمانلارنى كۈتۈۋالدى. نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانا، كونسۇلخانا، سودا ئاپپاراتلىرى، ئاخبارات ئورگانلىرى، خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئاپپاراتلىرىنىڭ خادىملىرى ۋە بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر كۆرگەزمىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى