باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركەزنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش 2- تۈركۈمدىكى گۇرۇپپىسىنىڭ «ئارقىغا يېنىپ تەكشۈرۈش» ھەرىكىتىدە 404 كىشىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرۈلدى

2018.11.20 15:17         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 19- نويابىر ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقىدىن ئۇقۇشىچە: مەركەزنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش2- تۈركۈمدىكى گۇرۇپپىسىنىڭ 10 ئۆلكىگە ئېلىپ بارغان«ئارقىغا يېنىپ تەكشۈرۈش» ھەرىكىتى نۆۋەتتە چۆكۈپ نازارەت قىلىش باسقۇچىغا ئومۇميۈزلۈك كىرگەن. 11- ئاينىڭ 16- كۈنى كەچ،بۇ نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى تەكشۈرۈلگەن رايونلارغا 14مىڭ 262 پارچە ئۈنۈملۈك پاش قىلىش دېلوسىنى بېجىرىشكە تاپشۇرۇپ بەرگەن؛ تەكشۈرۈلگەن رايونلاردىكى 4124 پارچە دېلو بىر تەرەپ قىلىنغان، 416 كىشى بىلەن سۆھبەتلەشكەن، 404 كىشىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرۈلگەن.

  پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقلىشى بىلەن، مەركەزنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئاسراشنى 2- تۈركۈمدە نازارەت قىلىشتىكى«ئارقىغا يېنىپ تەكشۈرۈش» ھەرىكىتىنىڭ بەش نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى 10- ياينىڭ 30- كۈنىدىن 11- ئاينىڭ 6- كۈنىگىچە ئارقا-ئارقىدىن سەنشى، لياۋنىڭ، جىلىن، ئەنخۇي، سەندوڭ، خۇبېي، خۇنەن، سىچۈەن، گۇيجۇ ۋە شەنشى قاتارلىق 10 ئۆلكىدە نازارەت قىلىش ۋە ئورۇنلىشىشنى ئىجرا قىلدى.11- ئاينىڭ 16- كۈنىگىچە، بەش نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ ھەممىسى چۆكۈپ نازارەت قىلىش باسقۇچىغا كىردى.

  مەلۇم بولۇشىچە، چوڭقۇر چۆكۈپ نازارەت قىلىش باسقۇچىدا، ھەر قايسى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىلىرى ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈش، 1- سەپكە بېرىش ۋە نەق مەيدانغا چوڭقۇر چۆكۈش ئارقىلىق، دىققەتنى نازارەت قىلىشنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، نازارەت قىلىش-تۈزىتىش داۋامىدا ساقلىنىۋاتقان قولىنىڭ ئۇچىدىلا تۈزىتىش، يالغاندىن تۈزىتىش ۋە «ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەش» قاتارلىق شەكىلۋازلىق ۋە بىيۇروكراتلىق مەسىلىلىرىنى قەتئىي تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ھەر قايسى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىلىرى خەلق ئاممىسىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ھەققىدە پاش قىلغان دېلولىرىنى ۋاقتىدا بېجىرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلغان، ھەمدە تەكشۈرۈلگەن رايوننىڭ بېجىرىش ئەھۋالىنى نەق مەيداندا ئارىلاپ تەكشۈرۈپ دەلىللىگەن. 11- ئاينىڭ 16- كۈنى كەچكىچە، نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى ئاممىنىڭ 18مىڭ 180 پارچە پاش قىلىش مەلۇماتلىرىنى تاپشۇرۇپ ئالغان، تەكرار پاش قىلىشنى قوشۇپ رەتلەش ئارقىلىق، تەكشۈرۈلگەن رايونلارغا 14 مىڭ 262 پارچە ئۈنۈملۈك پاش قىلىش دېلوسىنى بېجىرىشكە تاپشۇرۇپ بەرگەن. تەكشۈرۈلگەن رايونلار ئۇنىڭ ئىچىدىكى 4124 پارچىسىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغان. بۇنىڭ ئىچىدە، 608 تۈرلۈك مەسىلە سۇبيېكتى دېلو تۇرغۇزۇلۇپ جازالانغان، ھەمدە ئۇلارغا 33 مىليون 250 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويۇلغان؛ 42 دېلو ئېچىپ تەھقىقلەنگەن، 32 كىشى توختىتىپ قويۇلغان؛ 416 كىشى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بېرىلغان،404 ئادەمنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرۈلگەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر