باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خېنەن ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن مۇدىرى ۋاڭ تيې ئىنتىزام ۋە قانۇنغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلغانلىقتىن پارتىيەدىن قوغلاپ چىقىرىلدى، ھەمدە مەمۇرىي ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاندى

2018.11.20 15:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ۋە دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ تور بېكىتى 19- نويابىر ئېلان قىلغان خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، يېقىندا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ۋە دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى بىرلىكتە خېنەن ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن مۇدىرى ۋاڭ تيېنىڭ ئىنتىزام ۋە قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىنى دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈردى.

  تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئېنىقلىنىشىچە، ۋاڭ تيې سىياسىي ئىنتىزام، سىياسىي قائىدە ۋە تەشكىلىي ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىپ، ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ نۆۋەت ئالماشتۇرۇش ھارپىسىدا بىلەت توپلاش پائالىيىتىنى ئۇيۇشتۇرغان، ھەمدە شەخسىيگە ئالاقىدار ئىشلىرىنى بەلگىلىمە بويىچە دوكلات قىلمىغان؛ پاك ـ دىيانەتلىك بولۇش ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلىپ، خىزمەت ھوقۇقى ۋە ۋەزىپىسىنىڭ تەسىرىدىن پايدىلىنىپ تۇغقانلىرىنىڭ تىجارەت پائالىيىتى قاتارلىق ئىشلىرىغا ياردەم بەرگەن، ھەمدە بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا سوۋغاتلىق پۇللارنى قوبۇل قىلغان؛ ھەم شۇنداقلا تۇرمۇش ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر