باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئىككى تارماق ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، تارقىلىشچان زۇكامغا تاقابىل تۇرۇشنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى ۋە ئېغىر دەرىجىدىكى بىمارلارنى مەركەزلەشتۈرۈپ داۋالايدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى

2018.11.21 14:39         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگودا ھازىر تارقىلىشچان زۇكامدىن يۇقۇملىنىدىغان مەزگىل يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرماقتا. دۆلەت سەھىيە ـ ساغلاملىق كومىتېتى ئىشخانىسى، دۆلەت جۇڭيى تېبابىتى دورىلىرى ئىدارىسى ئىشخانىسى بۈگۈن ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، تارقىلىشچان زۇكامنى داۋالاش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلدى، ھەمدە جايلاردىكى سەھىيە-ساغلاملىق مەمۇرىي تارماقلىرى ئېغىر ۋە خەتەرلىك كېسەللەرنى كۆزىتىش ۋە دوكلات قىلىش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئېغىر كېسەللەرنى مەركەزلەشتۈرۈپ داۋالاش شارائىتىنى ھازىرلاپ،ئۇنداقلارنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ داۋالاش كېرەك، دېدى.

  ئىككى تارماق مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ھەر دەرىجىلىك سەھىيە-ساغلاملىق مەمۇرىي تارماقلىرى كۆزىتىش خىزمىتىگە ئەھمىيەت بېرىپ، يۇقۇم ئەھۋالىنى يېقىندىن دىققەت قىلىپ كۆزىتىپ، داۋالىنىش ئېھتىياجىنى ئالدىن مۆلچەرلەش كېرەك؛ بىر تۇتاش پىلانلاپ، بايلىقنى ماسلاشتۇرۇپ، خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى مۇۋاپىق ياخشى ئىشلەپ، داۋالاش ۋە قۇتقۇزۇشتىكى جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، داۋالاش بىرلەشمە گەۋدىسىنىڭ باشلامچىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك؛ خىزمەتلەرنى سىستېمىلىق ھالدا قانات يايدۇرۇپ، تېببىي خادىملار، بولۇپمۇ ئاساسىي قاتلامدىكى تېببىي خادىملارنى تەربىيەلەشنى كۈچەيتىش، ئاساسىي قاتلام داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتلىرى چوقۇم تارقىلىشچان زۇكامنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشتىكى رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشى كېرەك؛ پەننى ئومۇملاشتۇرۇشنى تەشۋىق قىلىش پائالىيىتىنى تەشكىللەپ، ئىلمىي ئۇچۇرلارنى ۋاقتىدا تارقىتىش كېرەك. جايلار چوقۇم قىسمەن جايلاردا تارقىلىشچان زۇكامنىڭ توپ-توپ بولۇپ پەيدا بولۇشىغا ۋە بىمارلارنىڭ سانىنىڭ كۈندىنـ كۈنگە كۆپىيىشىگە ئوبدان تاقابىل تۇرۇشى، ھەمدە ئۇنىڭ قۇتقۇزۇش تەييارلىقلىرىنى ياخشى ئىشلىشى، داۋالاش خىزمىتىنىڭ تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇلۇشىغا تولۇق كاپالەتلىك قىلىشلىرى كېرەك.

  ھەر دەرىجىلىك سەھىيە-ساغلاملىق مەمۇرىي تارماقلىرى چوقۇم ياشانغانلار، بالىلار، ھامىلىدار-تۇغۇتلۇق ئاياللار ۋە ئۇل خاراكتېرلىك كېسەلگە گىرىپتار بولغان بىمارلار دېگەندەك نۇقتىلىق كىشىلەر توپىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشلىرى لازىم، «داۋالاش لايىھەسى»دىكى تەلەپكە ئاساسەن، ۋاقتىدا داۋالاشنى قېلىپلاشتۇرۇش كېرەك. داۋالاش ئاپپاراتلىرى چوقۇم ۋىرۇسقا قارشى دورىلارنىڭ ۋاقتىدا ۋە يېتەرلىك تەمىنلىنىشىگە كاپالەتلىك قىلىشلىرى كېرەك، «داۋالاش لايىھەسى»گە ماس كېلىدىغان بىمارلارغا ۋىرۇسقا قارشى دورىلارنى بالدۇرراق ئىشلىتىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر