خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 20- نويابىر مانىلادا فىلىپپىن زۇڭتۇڭى دۇتېرتې بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىنى ئورتاق پىلانلاپ، مۇھىم ئورتاقلىقلارنى ھاسىل قىلىپ، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، سەمىمىي مۇئامىلە قىلىش، باراۋەرلىكتە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش ئاساسىدا، جۇڭگو-فىلىپپىن ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىشنى بىردەك قارار قىلدى.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: كېلىشكىنىمىز بويىچە فىلىپپىنغا كېلىپ زىيارەت قىلغىنىمدىن ناھايىتى خۇشالمەن، فىلىپپىن خەلقىنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشى، بولۇپمۇ بالىلارنىڭ خۇشال تەبەسسۇمى كىشىنى تەسىرلەندۈرىدۇ. جۇڭگو بىلەن فىلىپپىن ئارلىشىۋاتقىلى 1000 يىل بولغان قوشنا دۆلەت، قوشنىلار ئارا دوستانە بولۇپ، ھەمكارلىشىپ تەڭ ئۇتۇق قازىنىش − ئىككى تەرەپنىڭ بىردىنبىر توغرا تاللىشى. ئىككى يىلدىن بۇيان، مەن زۇڭتۇڭ ئەپەندى بىلەن ئالتە قېتىم ئۇچرىشىپ، جۇڭگو-فىلىپپىن مۇناسىۋىتى ۋە ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەر توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئورتاق تونۇشنى مۇستەھكەملەپ، دوستلۇقىمىزنى كۈچەيتتۇق. ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى نەتىجىسىدە، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى مول نەتىجىلەرگە ئېرىشتى، جۇڭگو-فىلىپپىن مۇناسىۋىتىدە يېڭى سەھىپە ئېچىلىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىلىپ، رايون تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇلدى. جۇڭگو تەرەپ فىلىپپىن تەرەپ بىلەن دوستلۇققا ۋارىسلىق قىلىپ، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ مەڭگۈ ياخشى قوشنا، ياخشى دوست، ياخشى ھەمراھلاردىن بولۇپ، تەرەققىيات ۋە گۈللىنىشتىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشنى خالايدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى