باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگو بىلەن ۋىيېتنام ئارمىيەلىرىنىڭ 5-قېتىملىق چېگرا يۇقىرى قاتلاملىقلار ئۇچرىشىشى ئاياغلاشتى

2018.11.22 16:47         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۈچ كۈن داۋاملاشقان جۇڭگو بىلەن ۋىيېتنام ئارمىيەلىرىنىڭ 5-قېتىملىق چېگرا يۇقىرى قاتلاملىقلار ئۇچرىشىشى 11-ئاينىڭ 21-كۈنى ۋىيېتنامنىڭ گاۋپىڭدا تولۇق ئاياغلاشتى. ئۇچرىشىش مەزگىلىدە، جۇڭگو چېگراسىدا، ئىككى تەرەپ ۋەكىللەر ئۆمىكى ئىككى تەرەپ ئارمىيەلىرىنىڭ چېگرا مۇداپىئە ئەترىتىنىڭ سۇ، قۇرۇقلۇق بىرلەشمە چارلاش ھەرىكىتىنى كۆزدىن كەچۈردى، جۇڭگو قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى مەلۇم چېگرا مۇداپىئە لىيەنىنىڭ گازارما رايونى، شۈيكوۋ بازىرىدىكى مەكتەپ ۋە خۇجىمىڭ كۆرگەزمىخانىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، بىرلىكتە دوستلۇق كۆچىتى تىكىپ، سۆھبەتلەشتى. ۋىيېتنام چېگراسىدا ئىككى تەرەپ ۋەكىللەر ئۆمىكى جۇڭگو گۇاڭشىنىڭ لوڭجوۋ ناھىيەسى بىلەن ۋىيېتنامنىڭ گاۋپىڭ ئۆلكىسى فۇخى ناھىيەسىنىڭ دوست ناھىيە بولغانلىقىنىڭ بەش يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىمى ۋە جۇڭگو-ۋىيېتنام دوستلۇق مەدەنىيەت سارىيىنىڭ پۈتكەنلىكىنى تەبرىكلەش مۇراسىمىغا قاتناشتى، «ۋىيېتنام-جۇڭگو چېگرا مۇداپىئە دوستلۇق ئالماشتۇرۇش سۆھبەت يىغىنى» ئۆتكۈزدى، ئىككى دۆلەت ئارمىيەسىنىڭ چېگرا مۇداپىئە قىسمى ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش بىرلەشمە مانېۋىرىنى كۆردى، خۇجىمىڭ مۇزېينى ئېكسكۇرسىيە قىلدى، خۇجىمىڭ خاتىرە سارىيىغا گۈل-چەمبىرەك قويدى، ئۇچرىشىش خاتىرىسى ئىمزالىدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر