باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى دائىمىي يىغىن ئۆتكۈزدى

2018.11.22 15:34         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرىمىز جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: 11- ئاينىڭ 20- كۈنى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىرنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ تۇزچىلىق ئىشلەپچىقىرىش- سېتىشنى باشقۇرۇش خىزمىتى قاتارلىقلار مۇزاكىرە قىلىندى.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: تۇزچىلىق مۇھىم بايلىق خاراكتېرلىك كەسىپ بولۇپ، خەلق ئىگىلىكىدە مۇھىم ئورۇننى ئىگىلەيدۇ. تۇزچىلىق ئىشلەپچىقىرىش- سېتىشنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش− بايلىقنى قانۇن بويىچە قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن مۇۋاپىق ئېچىپ پايدىلىنىش، ئاپتونوم رايونىمىز تۇزچىلىقىنىڭ ئومۇميۈزلۈك، ماس ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. دۆلەتنىڭ ئالاقىدار سىياسىتىگە ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىز «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تۇزچىلىق ئىشلەپچىقىرىش- سېتىشنى باشقۇرۇشنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسى»نى تۈزدى، بۇ «تەپسىلىي قائىدە» ئومۇمىي پىرىنسىپ، يېمەكلىك تۇزى ئىشلەپچىقىرىشىنى باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇش، يېمەكلىك تۇزى تىجارىتىنى باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇش، ساقلاش- توشۇش، ئەشيا ئوبوروتىنى باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇش، تۇزچىلىق ساھەسىنى باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇش، نازارەت قىلىش- باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇش، قوشۇمچە پىرىنسىپ قاتارلىق قىسىملاردىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇلىيىتى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، تۇزچىلىق ساھەسىدىكى ھەرقايسى ھالقىلارنى باشقۇرۇش ئۆلچىمى قېلىپلاشتۇرۇلدى، نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش مەسئۇلىيەت تەلىپى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

  يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇزاكىرە قىلىندى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر