باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى ئېچىلدى

2018.11.22 15:57         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە، 21- نويابىر گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى ئېچىلدى. يىغىندا، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودىدىكى پارچە سېتىشتا ماللارنى ئىمپورت قىلىشتىكى ئىلگىرىكى سىياسەتنى داۋاملاشتۇرۇش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش قارار قىلىندى ھەمدە سىياسەتنىڭ تەتبىقلىنىش دائىرىسى ۋە ئېچىۋېتىلىش دائىرىسى كېڭەيتىلىپ، ئىستېمالنىڭ يوشۇرۇن كۈچى تېخىمۇ تولۇق ئۇرغۇتۇلدى. بۇنىڭدا، ئەشيا ئوبوروتى تۈگۈنىنى ئورۇنلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئورۇنلاشتۇرۇلۇش، ھەمدە خەلق ئىگىلىكىنىڭ يۈرۈشۈش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەكلىكى تەكىتلەندى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا قاتارلىق يېڭى كەسىپ ھالىتى ۋە يېڭى ئەندىزىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش بولسا، ئېچىۋېتىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق، ھەمدە تاشقى سودا ئىمپورت-ئېكسپورتىنىڭ مۇقىم ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ۋە يېڭى ئېنېرگىيەنى يېتىلدۈرۈش، ئىستېمالنى ئاشۇرۇش ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشقا پايدىلىقتۇر.

  يىغىندا مۇنۇلارنى قارار قىلدى: بىرىنچى، كېلەر يىلى 1- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودىدىكى پارچە سېتىشتا ئىمپورت قىلىنىدىغان ماللارنىڭ ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سىياسىتىنى داۋاملىق يۈرگۈزۈپ، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودىدىكى پارچە سېتىشتا ئىمپورت قىلىنىدىغان تاۋارلارغا تۇنجى قېتىم "ئىمپورتقا ئىجازەت بېرىش" تەستىق ھۆججىتى ئىلگىرىكى رويخەتكە ئېلىش ياكى ئەنگە ئېلىش تەلىپى بويىچە ئىجرا قىلىنماي، بەلكى ئۇلارنى شەخسلەرنىڭ ئۆزى ئىشلىتىشى ئۈچۈن چېگرادىن كىرگۈزگەن بۇيۇملىرى قاتارىدا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كېرەك. ئىككىنچى، سىياسەتنىڭ تەتبىقلىنىش دائىرىسىنى ئىلگىرىكى خاڭجۇ قاتارلىق 15 شەھەردىن، يەنە بېيجىڭ، شېنياڭ، نەنجىڭ، ۋۇخەن، شىئەن ۋە شيامېن قاتارلىق يېڭىدىن تەسىس قىلىنغان ئۇ چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا ئۇنىۋېرسال سىناق رايونىدىكى 22 شەھەرگىچە كېڭەيتىش كېرەك. نۇقتىدا سىناق قىلىنمىغان شەھەرلەرنىڭ بىۋاسىتە سېتىۋالىدىغان ئىمپورت كەسپلىرىنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇلۇشى ئىلگىرىكى ئالاقىدار سىياسەتتىن پايدىلىنىپ ئىجرا قىلىنىشى كېرەك. ئۈچىنچى، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودىدىكى پارچە سېتىشتا ئىمپورت قىلىنىدىغان ماللارنىڭ تىزىملىكى ئىچىدىكى تاۋارلارنىڭ چەكلىك سوممىسى چوقۇم ئۇنىڭ ئىچىدىكى تاموژنىسىز ھالدا، ھەمدە ئىمپورت ھالقىسىدىكى قوشۇلما قىممەت بېجى بويىچە، ھەمدە ئىستېمال بېجى قانۇنىدا بەلگىلەنگەن باج سوممىسىنىڭ %70ى بويىچە باج ئېلىش ئاساسىدا، ئۇلاردىكى ئېتىبار بېرىش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولىدىغان تاۋارلارنىڭ دائىرىسىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، ئاممىنىڭ ئېھتىياجى ئەڭ چوڭ بولغان 63 تۈرلۈك تاۋارنى يېڭىدىن كۆپەيتىش كېرەك. تۆتىنچى، خەلقئارادا ئورتاق قوللىنىلىدىغان ئۇسۇل بويىچە، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودىدىكى ئېكسپورتنى قوللاش ۋە ئېكسپورتتىن باج قايتۇرۇش قاتارلىق سىياسەتلەرنى ئوبدان تەتقىق قىلىش ھەمدە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. بەشىنچى، كەڭ قورساقلىق ۋە ئېھتىياتچانلىق بىلەن نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش پىرىنسىپى بويىچە، ھەمدە قانۇنغا ئاساسەن، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا كارخانىلىرى، سۇپىلىرى، چىقىم قىلىش ۋە ئەشيا ئوبوروتى مۇلازىمەت سودىگەرلىرى قاتارلىقلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، تاۋارلارنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈش ۋە خەۋپ-خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى كۈچەيتىپ، ئادىل رىقابەتلىشىدىغان بازار تەرتىپىنى قوغداپ، ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر