خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 21-چېسلا مانېلادا، فىلىپپىن ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى ئارويۆ ۋە كېڭەش پالاتاسىنىڭ باشلىقى سوتو بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ ئارويۆ بىلەن سوتونى جۇڭگو خەلقىنىڭ كونا دوستى ۋە قەدىناس دوستى دەپ تەرىپلىدى، ئىككى پارلامېنت باشلىقىنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان جۇڭگو بىلەن فىلىپپىن دوستلۇقى ئۈچۈن قىلغان نۇرغۇن خىزمىتىنى ماختىدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو-فىلىپپىن مۇناسىۋىتى يېڭى ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، ئەسلىگە كېلىش، مۇستەھكەملىنىشتىن ئۆرلەپ ھالقىما تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇردى، ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىلىپ، رايون تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى. تۈنۈگۈن مەن دۇتتېرت بىلەن جۇڭگو-فىلىپپىن ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا تېخىمۇ ياخشى يېتەكچىلىك قىلىشنى بىردەك قارار قىلدۇق. بىز بۇ توغرا يولنى داۋاملىق بويلاپ، چوڭ قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ ماددىي ئاساسىنى پۇختىلاپ، ئادىمىيەت ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىدىكى ئەلرايى ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىنى مۇۋاپىق، جايىدا ھەل قىلىپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ توغرا نىشانىدا چىڭ تۇرۇپ، ئورتاق تەرەققىي قىلىدىغان ياخشى قوشنىلار، ياخشى ھەمراھلاردىن بولۇشىمىز كېرەك.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى