باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشتا يەنە يېڭى زور بۆسۈش ھاسىل قىلىندى

قەرز خەتىرىگە تۆلەم بېرىش مېخانىزمىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش يىل ئىچىدە باشلىنىدۇ

بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى رەنىگە قويۇپ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشنىڭ كېڭەيتىلىشىدىن ئۈمىد بار

2018.11.22 15:59         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: كىچىك كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشتا يەنە يېڭى زور بۆسۈش ھاسىل قىلىندى. پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىدىغان ئوتتۇرا-كىچىك كارخانىلارغا ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق بويىچە «قان بېرىلگەن»دىن باشقا، يەنە پەن-تېخنىكا مۇۋەپپەقىيەتلىرىنىڭ رېئال ئىشلەپچىقىرىش كۈچىگە ئايلاندۇرۇلۇشى ئارقىلىق نورمىدىن ئارتۇق مەبلەغ بىلەن قوللاشقا ئېرىشىدۇ. ئەھۋالدىن خەۋەردار زاتلاردىن ئىگىلىنىشىچە، دۆلەت بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى رەنە قەرزىنىڭ خەۋپ-خەتەر تۆلىمى مېخانىزمى تېز ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان بولۇپ، پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇشنى يېتەكلەش فوندى ۋەكىل بولۇپ قوللىغان قەرز خەتىرىگە تۆلەم بېرىش ئەندىزىسىنىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش، تۆلەم لايىھەسىنى بېكىتىش قاتارلىق بىر يۈرۈش تەييارلىق خىزمەتلىرى تاماملانغاندىن كېيىن، پات ئارىدا يىل ئىچىدە نۇقتىدا سىناق قىلىش باشلىنىدىكەن. ئەندىزىنىڭ ئومۇمىي تەپەككۇرى − مەركەز بىلەن يەرلىك بىرلىكتە يولغا قويۇش، ئاۋۋال سىناق قىلىپ تەدرىجىي ئىلگىرى سۈرۈش، يەرلىكنىڭ تولۇقلىما بېرىش مېخانىزمى ۋە ھەمكارلاشقان بانكىلارنى تۈرگە ئايرىپ تولۇقلىما بېرىشىدە يېڭىلىق يارىتىشقا رۇخسەت قىلىش ئىكەن.

  تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى پەن- تېخنىكا مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى رېئال ئىشلەپچىقىرىش كۈچىگە ئايلاندۇرۇش ئارقىلىق مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشنىڭ ئاساسلىق يوللىرىنىڭ بىرى بولغان ئېلىمىزنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى رەنىگە قويۇپ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشنىڭ كۆلىمى تېز سۈرئەتتە ئۆرلەپ، ھازىرغا قەدەر، بېيجىڭ جۇڭگۇەنسۈن رايونىدىلا 400دىن ئارتۇق كارخانا پاتېنت ھوقۇقىنى رەنە قويۇش ئارقىلىق ئومۇمىي سوممىسى مىليارد يۈەن كۆلەملىك مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشكە ئېرىشتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، نۇرغۇن جايلار يەنە بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئارقىلىق مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشنى ماسلاشتۇرۇش يىغىنىنى مەركەزلەشتۈرۈپ باشلىدى. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، قەرز پۇل خەۋپ-خەتەر تۆلىمى مېخانىزمىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ ھۆكۈمەت، بانكا، كارخانىنىڭ مەنپەئىتىنى چېتىش مېخانىزمى تېخىمۇ زىچلاشتۇرۇلۇپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ۋەكىللىكىدىكى پەن-تېخنىكا مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى رېئال ئىشلەپچىقىرىش كۈچىگە ئايلاندۇرۇش ئارقىلىق مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كۆلىمىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك كېڭەيتىلىشىدىن ئۈمىد بار.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر