خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتى مەلۇم تارماق ئەترىتى يېقىندا ئالاھىدە جەڭ قىلىش ئەترىتىنىڭ ئەزالىرىنى تەڭرىتېغىنىڭ ئىچىدىكى بىر جايغا ئېلىپ بېرىپ، بىر مەيدان ئېگىز تاغلىق جايدا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئۇرۇش مانېۋىرى قىلغان.
زوراۋان تېررورچىلارنىڭ بازىسىنى بىتچىت قىلىشقا تەقلىد قىلىنغان ئۇرۇش تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىدىكى مەلۇم جايدا ئېلىپ بېرىلدى، رازۋېدكا گۇرۇپپىسى ئادەمسىز ئايروپىلان ئارقىلىق ھاۋادا رازۋېدكا قىلىپ، دۈشمەن ئەھۋالىنى ئايدىڭلاشتۇرغاندىن كېيىن، ھەرقايسى جەڭگىۋار گۇرۇپپىلار تېزدىن پايدىلىق يەر شەكلىنى ئىگىلىدى. پارتلىتىش گۇرۇپپىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك يول ئاچتى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئالاھىدە جەڭ قىلىش ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى تارماق يوللارغا بۆلۈنۈپ بازىغا يېتىپ باردى ھەمدە تۇيۇقسىز زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى قوزغىدى.
«زوراۋان تېررورچى»لارنىڭ بازىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ۋەيران قىلىنغاندىن كېيىن، توردىن چۈشۈپ قالغان زوراۋان تېررورچىلار تاغ قاپتىلىغا قاراپ قاچتى، ئالاھىدە جەڭ قىلغۇچى ئەترەت تېزدىن تاغلىق رايونلارغا توغرىسىغا ۋە ئۇدۇلىغا ئىچكىرىلەپ كىرىپ ئىزدىدى. ئىزدەش ھەرىكىتى تاكى تۈن پەردىسى يېيىلغىچە داۋاملاشتى، ئىككى «زوراۋان تېررورچى» كېچىدىن پايدىلىنىپ ئۆي ئىچىگە يوشۇرۇنغانىدى، قوماندان دەرھال ئۆينى قورشاشقا بۇيرۇق قىلدى.
«يالغۇز ئۆينىڭ ئەتراپىدىكى يەر شەكلى كەڭ بولغاچقا، بىز ئىس-تۈتەك ئارقىلىق كاشىلا قىلىپ، يوشۇرۇن شەكىلدە «زوراۋان تېرورچىلار»غا ئۇشتۇمتۇت زەربە بېرىشنى قوللاندۇق»، - قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتى مەلۇم تارماق ئەترىتى ئالاھىدە جەڭ قىلىش ئوتتۇرا ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى چى جۈن شۇنداق دېدى.
ئىس-تۈتەك بومبىسى ۋە پارتلىتىش بومبىسىنىڭ قوغدىشى ئاستىدا، ئۇشتۇمتۇت زەربە بېرىش گۇرۇپپىسى تېز سۈرئەتتە ئۆيگە كىرىپ، «زوراۋان تېررورچىلار»نى پۈتۈنلەي يوقاتتى.
قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتى مەلۇم تارماق ئەترەت ئالاھىدە جەڭ قىلىش ئەترىتىنىڭ چوڭ ئەترەت باشلىقى لو چېڭ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى مانېۋىر ئەمەلىي ئۇرۇشقا يېقىنلاشتۇرۇلغان تاكتىكا ئارقا كۆرۈنۈشى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، ئالاھىدە ئۇرۇش قىلىش ئەترىتىدىكىلەرنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتا غەلىبە قىلىش ئىقتىدارىنى تاۋلاپ، ۋەزىپىنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى