باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو ئىستېمالچىلار جەمئىيىتى يۇلتۇز دەرىجىلىك مېھمانخانىلاردىكى قالايمىقانچىلىقنى ئەيىبلىدى

ئۇلارنىڭ يۇلتۇزلىرىنى ئېلىۋېتىپ دەرىجىلىرىنى تۆۋەنلىتىش تەكلىپىنى بەردى

2018.11.22 15:55         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، بىر نەپەر ئىستېمالچى دۆلەت ئىچىدىكى يۇلتۇز دەرىجىلىك 10 نەچچە مېھمانساراينىڭ تازىلىق قالايمىقانچىلىقىنى ئاشكارىلىدى. كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى شۇكى، بۇ خىل ئەھۋاللارنىڭ دائىرىسى كەڭ بولۇپ، ئۇ مېھمانخانىلارنىڭ يۇلتۇز دەرىجىسى قانچە يۇقىرى بولغانسېرى، ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى تېخىمۇ قەبىھ بولغان. مۇخبىرنىڭ جۇڭگو ئىستېمالچىلار جەمئىيىتىدىن ئىگىلىشىچە: جۇڭگو ئىستېمالچىلار جەمئىيىتى بۇ ئىشقا چېتىشلىق بولغان ساياھەت مېھمانسارايلىرىنىڭ ئىستېمالچىلارنىڭ مەنپەئەتىنى كۆزگە ئىلماسلىقتەك ھوقۇققا دەخلى قىلىش قىلمىشلىرىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن، ھەمدە ئىستېمالچىلارنىڭ ئۇ خىل ناچار قىلمىشلارنى ئاكتىپ نازارەت قىلىشى ۋە پاش قىلىش مەسئۇلىيىتىنى دادىللىق بىلەن ئۆز ئۈستىگە ئېلىشىدەك روھىغا ئاپىرىن ئوقۇپ قايىل بولغان ۋە ئۇنى قوللىغان.

  جۇڭگو ئىستېمالچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى: يۇلتۇز دەرىجىلىك چوڭ مېھمانخانىلاردا ساقلانغان بۇ خىل مەسىلىلەردىن بۇ قېتىم ئاشكارىلانغان مەسىلىلەردە، «ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش قانۇنى»غا ۋە ساياھەت مېھمانخانا كەسپىگە ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلىش قىلمىشلىرى مەۋجۇت بولۇپ، ئۇلار ئىستېمالچىلارنىڭ ئامانلىق ھوقۇقى، ئەھۋاللاردىن خەۋەر تېپىش ھوقۇقى، تاللاش ھوقۇقى ۋە ئادىل سودىلىشىش ھوقۇقى قاتارلىق قانۇنىي ھوقۇقلىرىغا ئېغىر زىيان يەتكۈزگەن. ئۇلارنىڭ بۇ خىل قىلمىشلىرى ئەمەلىيەتتە يۇقىرى دەرىجىلىك مېھمانخانىلارنىڭ گۈزەل تاشقى قىياپىتى بىلەن ئۇلاردىكى چىدىغۇسىز تازىلىق ئەھۋالى ئارىسىدا كۈچلۈك پەرقنى شەكىللەندۈردى. بۇ، ئىستېمالچىلارنىڭ ئىشەنچىسىگە يەنە بىر قېتىم ئېغىر زەربە بەردى، ھەمدە تېخىمۇ ياخشى بولغان ساياھەت ئىستېمال مۇھىتىنى بەرپا قىلىشتىكى نىشانغا ئېغىر خىلاپ قىلدى.

  بۇ مەسئۇل كىشى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كىشىنى تېخىمۇ ئۈمىدسىزلەندۈرىدىغىنى شۇكى، ۋەقەگە چېتىشلىق يۇلتۇز دەرىجىلىك چوڭ مېھمانخانىلار مەسىلىنىڭ ئېغىرلىقىنى چوڭقۇر تونۇپ يەتمىگەن، شۇنداقلا ئىستېمالچىلارنىڭ نازارەتچىلىك قىلىش تەكلىپىنى تولۇق چۈشەنمىگەن ۋە ئۇنىڭغا ھۆرمەت قىلمىغان، ئۇنىڭ ئەكسىچە، بۇ خىل ناچار ئەھۋاللارنى ئىنكاس قىلغاندا، بۇ پەقەت «ئايرىم خىزمەتچى»نىڭ ئىپادىسى ۋە پەقەت «ئايرىم ۋەقە» ھېسابلىنىدۇ، دەپ باھانە كۆرسىتىپ، ساقلانغان مەسىلىلەرگە ھېچ ئەھمىيەت بەرمىگەن، ئىستېمالچىلارنىڭ تۈزىتىش تەكلىپى ۋە ئىستېمال-مۇلازىمەتنى نازارەت قىلىش تەكلىپىگە قارىتا سوغۇق مۇئامىلىدە بولۇش ۋە بىخۇدلۇق قىلىش ئىپادىسىنى ئەكس ئەتتۈرگەن. بۇ خىل پوزىتسىيە ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ ھەقىقىي مۇلازىمەت ئىدىيەسى ۋە پەزىلىتى بىلەن ئۇلارنىڭ ساراي باشلىرىدىكى «بەش يۇلتۇز»لىرى بىلەن ھېچ ماس كەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ساياھەت مېھمانسارايلىرىنىڭ يۇلتۇز دەرىجىلىرىنىڭ باھالىنىشى بولسا، ئەمەلىيەتتە ساياھەت مېھمانسارايلىرىنىڭ قاتتىق دېتال ئەسلىھەلىرىنىڭ باھالىنىشى ھېسابلىنىدۇ، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ تازىلىق، بىخەتەرلىك ۋە يېمەك-ئىچمەك قاتارلىق يۇمشاق مۇلازىمەتلىرىگە بولغان بىر ئېتىراپ قىلىشتۇر، تېخىمۇ مۇھىمى، ئۇ خىل باھالىنىش ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ سەمىمىيىتى ۋە ئىناۋىتىنىڭ بەلگىسىدۇر. ئەمما، بىز ئىسمى جىسمىغا لايىق كەلمىگەن ئۇ خىل يۇلتۇز دەرىجىلىك ساياھەت مېھمانخانىلىرىنىڭ دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىپ، ئىستېمالچىلار ئۈچۈن ئىسـمى جىسـمىغا مـاس كېلىدىغان مېھمانخانىلارنى باھالاپ چىقىشنى ئۈمىد قىلىمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر