باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسى داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ بىمارلارنى بالنىستتا يېتىشقا كۈشكۈرتۈشىنى نۇقتىلىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىدۇ

داۋالىنىش كاپالىتى فوندىنى ئالداپ ئېلىۋېلىشقا زەربە بېرىش مەخسۇس ھەرىكىتى «ئارقىغا يېنىپ تەكشۈرۈش» بويىچە تەكشۈرۈلىدۇ؛ داۋالىنىش كاپالىتى فوندىنى ئالداپ ئېلىۋېلىشنى پاش قىلىش تېلېفونى ئېلان قىلىندى

2018.11.22 16:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 11-ئاينىڭ 21-كۈنى، دۆلەت داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، داۋالىنىش كاپالىتى فوندىنى ئالداپ ئېلىۋېلىشقا زەربە بېرىش مەخسۇس ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى.

  دۆلەت داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى خۇاڭ خۇابونىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا داۋالىنىش كاپالىتى فوندىنى ئالداپ ئېلىۋېلىشقا زەربە بېرىش مەخسۇس ھەرىكىتى «ئارقىغا يېنىپ تەكشۈرۈش» بويىچە قانات يايدۇرۇلىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە داۋالاش ئاپپاراتلىرىغا قارىتا، كېيىنكى قەدەمدە سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلارنى بالنىستتا يېتىشقا كۈشكۈرتۈش قاتارلىق قىلمىشلار نۇقتىلىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنىدىكەن.

  بۇ يىل 9-ئايدا، «داۋالىنىش كاپالىتى فوندىنى ئالداپ ئېلىۋېلىشقا زەربە بېرىش مەخسۇس ھەركىتى» باشلانغاندىن كېيىن، دۆلەت داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسى سەھىيە- ساغلاملىق، جامائەت خەۋپسىزلىكى، دورا نازارەتچىلىكى قاتارلىق تارماقلار بىلەن بىرلەشمە ھەرىكەت مېخانىزمى ئورنىتىپ، قانۇن-بەلگىلىمىگە خىلاپ بىر تۈركۈم قىلمىشلارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى. بۇ قېتىمقى مەخسۇس ھەرىكەت − داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تۈزۈمى ئورنىتىلغاندىن بۇيانقى تۇنجى قېتىم سۇغۇرتا ئالدامچىلىقىغا زەربە بېرىش بويىچە مەملىكەت خاراكتېرلىك مەخسۇس ھەرىكىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

  دۆلەت داۋالاش سۇغۇرتىسى ئىدارىسى يەنە تەكىتلەپ مۇنداق قارار چىقاردى: داۋالاش كاپالەت فوندى ئالدامچىلىقىغا زەربە بېرىشتىكى مەملىكەت مىقياسىدىكى مەخسۇس ھەرىكەتتە «ئارقىغا يېنىپ تەكشۈرۈش»نى قانات يايدۇرۇش كېرەك، ھەمدە ئۇ خىل قىلمىشلارنى پاش قىلىش تېلېفونى ئېلان قىلىش كېرەك.

  «ئارقىغا يېنىپ تەكشۈرۈش»تىكى فوكۇسلاش تۆۋەندىكى ئۈچ جەھەتتىكى نۇقتىلىق ساھەگە مەركەزلەشكەن: بىرىنچى فوكۇسلاش نۇقتىسى بولسا، داۋالاش ئاپپاراتلىرى بولۇپ، بۇنىڭدا، داۋالاش ئاپپاراتلىرى سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلارنى بالنىستتا يېتىشقا كۈشكۈرتۈش، سۇغۇرتىغا قاتناشقانلارنىڭ ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنى ئالداپ ئىشلىتىۋېلىش، داۋالاش ۋە دورا بېرىش ھۆججىتىنى ياساپ چىقىش، سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلارغا ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى فوندىنى ئالداپ ئېلىۋېلىش، داۋالاش مۇلازىمەت ھەققىنى ساختا يېزىش ياكى كۆپ يېزىش قاتارلىق قىلمىشلارنى نۇقتىلىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش.

  ئىككىنچى فوكۇسلاش نۇقتىسى بولسا، پارچە سېتىش دورا دۇكانلىرى بولۇپ، بۇنىڭدا، سۇغۇرتىغا قاتناشقانلارنىڭ سۇغۇرتا فوندى كارتىسىنى سۈركۈپ، ئۇنىڭدىكى فوندىنى ئېلىۋېلىش قاتارلىق قىلمىشلارنى نۇقتىلىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش.

  ئۈچىنچى فوكۇسلاش نۇقتىسى بولسا، چەك ئارقىلىق ساختىپەزلىك قىلىش بولۇپ، بۇنىڭدا، داۋالاش فوندىنى ئالداپ ئېلىۋېلىش قاتارلىق قىلمىشلارنى نۇقتىلىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش.دۆلەت داۋالاش سۇغۇرتىسى ئىدارىسىنىڭ مەخسۇس ھەرىكىتىگە ماسلىشىپ، قىلمىشلارنى پاش قىلىش تېلېفونى: 010-89061396;010-89061397.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر