باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئىران ياۋروپا ئەللىرىنىڭ ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى توغرىسىدىكى كېلىشىمنى قۇتقۇزۇشنى ئۈمىد قىلدى

2018.11.22 16:51         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكا ئىرانغا قارىتىلغان جازانى ئەسلىگە كەلتۈرگەندىن كىيىن، ئىراننى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ قارشى تۇرۇشىغا ئۇچرىدى، يېقىندا ئەنگلىيە ئىرانغا قارىتىلغان جازانى يېنىكلىتىش توغرىسىدا ئېزدىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، ئىرانمۇ ياۋروپا ئەللىرىنىڭ ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى توغرىسىدىكى كېلىشىمنى قۇتقۇزۇشنى ئۈمىد قىلدى.

  ئەنگلىيەنىڭ دىپلوماتىيە ۋەزىرى خانت مۇشۇ ئاينىڭ 19 -كۈنى ئىراننىڭ پايتەختى تېھرانغا يېتىپ كېلىپ، ئىراننىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى زەرىف بىلەن ئۇچرىشىپ ، ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى توغرىسىدىكى ئومۇميۈزلۈك كېلىشىمنىڭ ئىستىقبالى قاتارلىق قارالمىلارنى مۇزاكىرە قىلدى.

  ئىران دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى شۇ كۈنى مۇنداق دېدى : ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى توغرىسىدىكى كېلىشىمنى ئىمزالىغان ياۋروپادىكى باشقا دۆلەتلەرنىڭ بۇ كېلىشىمنى قۇتقۇزۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز .

  ئامېرىكا ئىرانغا قاراتقان ئومۇميۈزلۈك جازالاشنى ئەسلىگە كەلتۈرگىنىگە ئىككى ھەپتە بولدى ، خانت مۇشۇ ئاينىڭ 19-كۈنى ئىراننىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى زەرىف بىلەن كۆرۈشتى . ئىككىيلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلمىدى .

  ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، خانتنىڭ زەرىف بىلەن ئۇچراشقاندا مۇزاكىرە قىلغان تېمىلىرى ئىراننىڭ يادرو كېلىشىمى ، ئىراننىڭ پۇل مۇئامىلە سودىسىنى قولايلاشتۇرۇش كېلىشىمى قاتارلىقلارغا چېتىلغان .

  خانت ئىشخانىسى سۆھبەت باشلىنىشتىن ئاۋۋال ئېلان قىلغان بىر باياناتىدا مۇنداق دېدى : خانىت كۆرۈشۈشتە ، پەقەت ئىران- ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى توغرىسىدىكى كېلىشىمىنىڭ مەزمۇنىغا رىئايە قىلسىلا ، ئەنگلىيەنىڭ بۇ كېلىشىمنى قوغدايدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ ؛ ئىران بىلەن ياۋروپا ئەللىرىنىڭ ئىران ئۇچرىغان جازانى يېنىكلىتىش ئۈچۈن تىرىشىدىغانلىقىنى مۇزاكىرە قىلىدۇ .

  ئىران دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا: خانت ئىران دۆلەتلىك ئالىي خەۋپسىزلىك كومىتېتىنىڭ كاتىپى ئەلى شامۇھانى بىلەن كۆرۈشكەن .

  رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، شامۇھانى ئىراننىڭ ئالىي داھىيسى ئايەتۇللاھ ئەلى ھامىينىنىڭ ئىتتىپاقدىشى بولۇپ ، ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى توغرىسىدىكى كېلىشىم قاتارلىق ئىراننىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىشلىرىغا چېتىلىدىغان ئىشلاردا سۆز قىلىش ھوقۇقى بار ئىكەن .

  ئىران دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى قاسمى مۇشۇ ئاينىڭ 19-كۈنى مۇنداق دېدى : ئامېرىكا ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى توغرىسىدىكى كېلىشىمدىن چېكىنىپ چىققان بولسىمۇ ، ئىران يەنىلا بۇ ھۆججەتنى ئىمزالىغان ياۋروپادىكى باشقا دۆلەتلەرنىڭ بۇ كېلىشىمنى قۇتقۇزۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ .

  ئۇ مۇنداق دېدى : ئىران بىلەن بولغان سودىسىنىڭ ئامېرىكىنىڭ جازالىشىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىماسلىقىنى قوغداش جەھەتتە ، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى مېخانىزمىنى ئىجرا قىلىش جەريانىدا ئانچە ئېنىق بولمىدى، لېكىن بىز يەنىلا ياۋروپالىقلارنىڭ بۇ كېلىشىمنى قۇتقۇزۇشنى ئۈمىد قىلىمىز.

  ئامېرىكا بۇ يىل 5 - ئايدا ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى توغرىسىدىكى كېلىشىمدىن چېكىنىپ چىقتى ، مۇشۇ ئاينىڭ 15-كۈنى ئىرانغا قارىتىلغان جازانى ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلتۈردى. ئەنگلىيە، فىرانسىيە، گېرمانىيە قاتارلىق باشقا بەش دۆلەت ۋە ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى توغرىسىدىكى كېلىشىمنى ئىزچىل قوللاپ كەلدى. ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئىران بىلەن ئامېرىكا دوللىرىدىن باشقا پۇل بىلەن قىلىنىدىغان سودىنى بىر تەرەپ قىلىدىغان ئالاھىدە ئورگاننى سىناق تەرىقىسىدە تەسىس قىلدى. يەر شارى بويىچە خام نېفىت سودىسى پەقەت ئامېرىكا دوللىرى بىلەن ھېسابات قىلىنىدۇ ، يېڭىدىن ئالاھىدە تەسىس قىلىنغان ئاپپاراتنىڭ ئىران ئېكسپورت قىلغان نېفىت گازى بىلەن ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى ياسىغان بۇيۇملار سودىسىغا ياردەم بېرىپ ، ئامېرىكىنىڭ جازاسىدىن ئەگىپ ئۆتۈشىدىن ئۈمىد بار .

  ئالتە دىپلوماتنىڭ ئالدىنقى ھەپتە رېيتېر ئاگېنتلىقى مۇخبىرىغا ئىسپاتلىشىچە: ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى مۇشۇ ئايدا ئالاھىدە ئاپپارات قۇرماقچى بولغان ، بۇنىڭغا بىرەر دۆلەت باشلامچى بولمىغان .

  قاسىمى مۇنداق دېدى : بىز ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئالاھىدە ئاپپاراتنى تېزدىن ھەرىكەتكە كەلتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز، پەقەت كېلىشىمنى ئىمزالىغۇچى باشقا تەرەپلەر كېلىشىمگە ئەمەل قىلسىلا، ئىران ۋەدىسىدە تۇرىدۇ .

  ئىران يېرىم ھۆكۈمەت خاراكتېرىدىكى فارىس ئاگېنتلىقىنىڭ مۇشۇ ئاينىڭ 19- كۈنى مۇئاۋىن نېفىت مىنىستىرى ئەمىر ھۈسەيىن زاماننىيانىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە: فىرانسىيە ئالاھىدە ئاپپاراتنى قۇرۇشقا باشلامچى بولۇشى مۇمكىنكەن .

  ئىران تەرەپ بىر مەھەل، ئەگەر ئىقتىسادىي مەنپەئەتى كاپالەتكە ئىگە قىلىنمىسا، ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى توغرىسىدىكى كېلىشىمدىن چېكىنىپ چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈردى .

  ئىران زۇڭتۇڭى روھانى مۇشۇ ئاينىڭ 19-كۈنى، ئامېرىكىنىڭ ئىرانغا قاراتقان جازاسىنىڭ ئامېرىكا قوزغىغان پىسخىكا ئۇرۇشىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى، ئىراننىڭ نېفىت ئېكسپورتىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ، ئامېرىكىنىڭ بېسىمىغا باش ئەگمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

  رۇھانى مۇنداق دېدى : ئامېرىكا ، بىزنىڭ خام نېفىت ئېكسپورتىمىزنى توسۇپ قالالمايدۇ. بىز ئېكسپورتنى داۋاملاشتۇرىمىز، ئافغانىستان ، يەمەن ۋە سۇرىيە ۋەزىيىتىگە چېتىلىدىغان ئىشلاردا ، ئامېرىكىنىڭ رايون سىياسىتى مەغلۇپ بولدى ، لېكىن بۇنى ئىرانغا دۆڭگەپ قويسا بولمايدۇ .

  روھانىي، ئامېرىكا ئىراندىن خام نېفىت ئىمپورت قىلغۇچى سەككىز تەرەپنى ۋاقىتلىق كەچۈرۈم قىلغانلىقىغا دىققەت قىلىپ، بۇ ئامېرىكىنىڭ ئىرانغا قاراتقان جازاسىنىڭ خەلقئارادا قوللاشنىڭ كەمچىل بولغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ دېدى .

  ئۇ مۇنداق دېدى : ئامېرىكا بۈگۈنكى كۈندە يېتىم قالدى ، ئىران نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى. ئامېرىكىنىڭ ئىرانغا قاراتقان بېسىمى يەھۇدىي تېرىلمىچى ھاكىمىيىتى ۋە بۇ رايونلاردىكى بىر قىسىم دۆلەتلەردىن باشقا دۆلەتلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلمىدى .


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر