باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

خەلقئارا ئەتكەسچىلىككە زەربە بېرىش ھەمكارلىقىدا كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى

2018.11.22 16:47         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تاموژنا باش مەھكىمىسى 11-ئاينىڭ 20-كۈنى مۇنۇلارنى جاكارلىدى: 10-ئاينىڭ ئاخىرغىچە مەملىكەت بويىچە تاموژنىلار دېلو تۇرغۇزۇپ رازۋېدكا قىلىپ بېجىرگەن قاتتىق تاشلاندۇق ئەتكەسچىلىكىگە دائىر412 جىنايى ئىشلار دېلوسىدىكى 576 جىنايەت گۇماندارى قولغا چۈشتى، خەلقئارا ئەتكەسچىلىككە زەربە بېرىش ھەمكارلىقىدا كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى.

  جۇڭگونىڭ قاتتىق تاشلاندۇق ئەتكەسچىلىكىگە زەربە بېرىشتە مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشى خەلقئارا بىلەن بولغان ھەمكارلىقتىن ئايرىلالمايدۇ. تاموژنا باش مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى نى يۆفىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ يىل 5-ئاينىڭ 21-كۈندىن 7-ئاينىڭ 23-كۈنىگىچە «زېمىن ئايال ئىلاھى» ناملىق 4-قېتىملىق خەلقئارا بىرلەشمە ھەرىكەت يەر شارىدا قانات يايدۇرۇلدى، دۇنيا تاموژنا تەشكىلاتى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇھىت مەھكىمىسى، خەلقئارا جىنايى ئىشلار ساقچى تەشكىلاتى، بازېل ئەھدىنامىسى كاتىبات باشقارمىسى قاتارلىق 15 خەلقئارا تەشكىلات ۋە رايون تەشكىلاتى شۇنداقلا 75 دۆلەت ۋە رايون بىرلىشىپ زەربە بەردى. ھەر قايسى تەرەپلەر ئاخباراتتىن تەڭبەھرىلىنىش، ۋەزىيەتنى تەھلىل قىلىپ ھۆكۈم قىلىش، ئىسپاتلارنى ھەمكارلىشىپ تەكشۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە كەڭ دائىرىدە ھەمكارلاشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر