باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئەنگلىيە تاراتقۇلىرى: يەر شارى «بوۋاقلار قەھەتچىلىكىگە» دۇچ كېلىشى مۇمكىن

2018.11.22 16:50         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئەنگلىيە تاراتقۇلىرىدا مۇنداق دېيىلدى: پەن تەتقىقات خادىملىرىنىڭ بايقىشىچە، يەر شارىدا ئاياللارنىڭ تۇغۇش نىسبىتى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەپ كەتكەن. نېمە ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ئاياللار كۆپ بالا تۇغۇشنى خالىمايدىغان بولۇپ قالدى؟ ئەنگلىيە رادىيو شىركىتى تور بېكىتىنىڭ 11-ئاينىڭ 13-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنئەنە جەھەتتە، دۇنيادىكى ھەر قانداق بىر دۆلەتكە نىسبەتەن، نوپۇس بىر دۆلەتنىڭ دۆلەت ئەھۋالى ۋە دۆلەت كۈچىنىڭ كۆرسەتكۈچىكەن، شۇنداقلا دۆلەتنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك بايلىقلىرىنىڭ بىرىكەن. تۇغۇش نىسبىتىنىڭ زور دەرىجىدە ئۆزگىرىشى شەخسكە، ئائىلىگە، ئىجتىمائىي ئىقتىسادىي ئىشلارغا، مۇھىت، مەدەنىيەت ۋە سىياسىي تۇرمۇشنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.

  ئەنگلىيەدىكى داڭلىق تېببىي ئىلمىي ژۇرنىلى«نەشتەر» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان بۇ تەتقىقات دوكلاتىدا بايقىلىشىچە، تۇغۇش نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشى پۈتۈن دۇنيادا يېرىمغا يېقىن دۆلەتلەرنىڭ نۆۋەتتە «بوۋاقلار قەھەتچىلىكىگە» دۇچ كېلىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن، يەنى بۇ،بىر دۆلەتنىڭ نوپۇس كۆلىمىنى ساقلاپ تۇرىدىغان بالىلار سانى يېتەرسىز دېگەنلىك.

  پەن تەتقىقات خادىملىرى بۇ تەتقىقات نەتىجىسى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ دېدى.

  خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: بۇ نەتىجە ئەجدادلار ئەۋلادلاردىن كۆپ بولۇۋاتقان ھادىسىنىڭ جەمئىيەتكە چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  «نەشتەر» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان بۇ دوكلاتتا ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ 1950-يىلىدىن 2017-يىلغىچە بولغان نوپۇس يۈزلىنىشى تەتقىق قىلىنغان.

  1950-يىلى ھەر بىر ئايالنىڭ ھاياتىدا ئوتتۇرىچە تۇغۇش نىسبىتى 4.7 ئىكەن. 2017-يىلىغا كەلگەندە ئوتتۇرىچە تۇغۇش نىسبىتى ئازىيىپ، ھەر بىر ئايالنىڭ ئوتتۇرىچە تۇغۇش نىسبىتى 2.4 كە چۈشۈپ قالغان.

  غەربىي ئافرىقىدىكى نىگىرنىڭ ئوتتۇرىچە تۇغۇش نىسبىتى 7.1 ئىكەن، ئوتتۇرا يەر دېڭىزىدىكى سىپرۇس ئارىلىدا ئاياللار ئوتتۇرا ھېساب بىلەن بىرلا بالا تۇغۇدىكەن .

  خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: بىر دۆلەتنىڭ ئوتتۇرىچە تۇغۇش نىسبىتى تەخمىنەن 2.1 گە چۈشۈپ قالغاندا، نوپۇسنىڭ ئومۇمىي سانى ئاخىرىدا ئازىيىشقا باشلايدىكەن، بولۇپمۇ بالىلارنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى يۇقىرى دۆلەتلەردە بۇ ئەھۋال تېخىمۇ رۇشەنكەن.

  1950-يىلى، دۇنيادا ھېچقانداق بىر دۆلەتتە تۇغۇش نىسبىتى بۇ سەۋىيەدىن تۆۋەن بولۇپ باقمىغان.

  ۋاشىنگتون داشۆسى ساغلاملىق كۆرسەتكۈچى ۋە باھالاش تەتقىقاتخانىسىنىڭ باشلىقى پىروفېسسور كىرىستوف مېرى مۇنداق دېدى:بىز ھازىر مۇشۇ چەككە يەتتۇق، دۇنيادا يېرىمدەك دۆلەتتە تۇغۇش نىسبىتى ئالمىشىش سەۋىيەسىدىن تۆۋەن بولماقتا. مۇشۇ يۈزلىنىش بويىچە كېتىۋەرسە، بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى ئازىيىپ كېتىدۇ.

  خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: ئىقتىسادى تېخىمۇ تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەر جۈملىدىن كۆپ قىسىم ياۋروپا دۆلەتلىرى، ئامېرىكا، كورېيە ۋە ئاۋسترالىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە تۇغۇش نىسبىتى تېخىمۇ تۆۋەن.

  خەۋەردە يەنە مۇنداق دېيىلدى: بۇ، بۇ دۆلەتلەردە تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان نوپۇس ئومۇمىي سانىنىڭ ئازىيىپ كېتىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ، ھېچ بولمىغاندا ھازىرچە ئۇنداق ئەمەس. چۈنكى نوپۇس كۆلىمى تۇغۇش نىسبىتى، ئۆلۈش نىسبىتى ۋە كۆچمەنلەر قاتارلىق ئارىلاشما ئامىللارنى ئۇنىۋېرسال ھېسابلاشتىن كېلىدۇ.

  بىر ئەۋلاد ۋاقىتتىن كېيىن تۇغۇش نىسبىتىنىڭ ئۆزگىرىشىنىڭ تەسىرى ئاندىن يۈزلىنىشكە ئۆزگىرىدۇ.

  پىروفېسسور مېرى مۇنداق دېدى: بىز تېزدىن جەمئىيەت نوپۇسنىڭ ئازىيىپ كېتىشىنىڭ مەسىلە پەيدا قىلىشىغا تىرىشىپ تاقابىل تۇرىدىغان يەرگە بارىمىز.

  دۇنيادا يەنە يېرىمدەك دۆلەت يېتەرلىك بالا تۇغۇش ئارقىلىق نوپۇسنىڭ ئېشىشىنى ساقلاپ كەلمەكتە، ئەمما بارغانسېرى كۆپ دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىساد جەھەتتە ئىلگىرىلىشىگە ئەگىشىپ، تېخىمۇ كۆپ دۆلەتلەرنىڭ تۇغۇش نىسبىتى ئەكسىچە تۆۋەنلەيدۇ.

  پۈتكۈل يەر شارىدا تۇغۇش نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب ئىسپېرما سانى ياكى تۇغۇش ئىقتىدارىنى ئويلاشقاندا تەڭ ئويلىشىدىغان باشقا ھەر قانداق ئىشقا باغلىق ئەمەس. ئەكسىچە، تەتقىقات دوكلاتىدا ئۈچ ئاچقۇچلۇق ئامىل يىغىنچاقلاندى؛ بالىلارنىڭ ئۆلۈش نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلىشى ئاياللارنىڭ بالا تۇغۇش سانىنىڭ تەبىئىي ئازىيىشىدىن، ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش قورالىغا ئاسانلا ئىگە بولۇشىدىن ھەمدە تېخىمۇ كۆپ ئاياللارنىڭ ئوقۇشى ۋە خىزمەت قىلىشىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  نۇرغۇن نۇقتىدىن قارىغاندا، تۇغۇش نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلىشى ياخشى ئىش.

  خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: سىرتتىن كېلىدىغان كۆچمەنلەر بولمىسا، ھەر قايسى دۆلەتلەر قېرىلىشىش ۋە نوپۇسنىڭ ئازىيىپ كېتىش ئەھۋالىغا دۇچ كېلىدۇ.

  ئوكسفورد نوپۇس قېرىلىشىش تەتقىقاتخانىسىنىڭ باشلىقى دوكتور جورج لېسىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پۈتكۈل جەمئىيەت مېخانىزمى بۇ خىل چوڭ كۆلەمدىكى نوپۇس ئۆزگىرىشىگە ماس كېلەلىسە، بۇ يامان ئىش ئەمەس.

  ئۇ ئەنگلىيە رادىيو شىركىتىگە مۇنداق دېدى: «نوپۇس بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىگە تەسىر كۆرسەتمەكتە، سىرتقا قاراپ بېقىڭلارچۇ، ئادەملەر، ئۆي، قاتناش، ئىستېمال، ئىقتىسادنىڭ ھەممىسىگە نوپۇس ئىستاتىستىكا ئىلىمى تۈرتكە بولماقتا.

  ئۇ مۇنداق دېدى: بىز پىلانلىغان بارلىق ئىشلار نوپۇس سانىنىڭ تۈرتكىسىگە ئۇچراپلا قالماستىن، بەلكى ياش قۇرۇلمىسىنىڭ تەسىرىگىمۇ ئۇچرايدۇ. ھازىر يەر شارىدا نوپۇس قۇرۇلمىسىدا ئۆزگىرىش بولماقتا، شۇڭا تۈپتىن ئېيتقاندا، بىز ئۇنىڭ تەسىرى ۋە زەربىسىنى تېخى سېزەلمىدۇق، بۇ مەسىلىنى ئەستايىدىل ئويلىنىپ باقمىدۇق.

  دوكتور لىسىن مۇنداق دېدى: بىز ھازىر تونۇش بولغان خىزمەت ئورنى ۋە مېخانىزمىنى ئۆزگەرتمىسەك بولمايدۇ ، ئەنگلىيەنىڭ ھازىرقى ئەڭ چوڭ بولغاندا 68 ياشتا پېنسىيەگە چىقىش ئويىمۇ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس، چۈنكى بۇ سەۋىيە ئۆلچىمىنى داۋاملاشتۇرۇش مۇمكىن ئەمەس.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر