باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

گېرمانىيە خاشۇقجې دېلوسىغا چېتىشلىق گۇماندارلارنى جازالاش ئۈچۈن قورال-ياراق سېتىشنى توختاتتى

2018.11.22 16:49         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گېرمانىيە ھۆكۈمىتى 11-ئاينىڭ 19-كۈنى مۇنۇلارنى جاكارلىدى: سەئۇدى ئەرەبىستانىلىق مۇخبىر جامال خاشۇقجېنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈشكە چېتىشلىق سەئۇدى ئەرەبىستانىلىق 18 پۇقرانىڭ ياۋروپادىكى سېنگېن دۆلەتلىرىگە كىرىشىنى مەنئى قىلىمىز ، شۇنىڭ بىلەن تەڭ سەئۇدى ئەرەبىستانىغا قىسمەن قوراللارنى ئېكسپورت قىلىشنى توختىتىمىز.

  گېرمانىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى كىرىستوف بۇگېر مۇخبىرلار يىغىنىدا مۇنداق دېدى: فىرانسىيە، ئەنگلىيە بىلەن كېڭەشكەندىن كېيىن، گېرمانىيە سېنگېن رايونى سىستېمىسىنىڭ سانلىق مەلۇمات ئىسكىلاتىدا سەئۇدى ئەرەبىستانىلىق 18 كىشىگە«چېگرىدىن كىرىشنى مەنئى قىلىمىز» دېگەن بەلگە قويۇشنى قارار قىلدى. گېرمانىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىر باياناتچىسى بۇ مەنئى قىلىش بۇيرۇقى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى تارقاتقان پاسپورتى بارلارغىمۇ ئوخشاش كۈچكە ئىگە بولىدۇ، دېدى.

  گېرمانىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى خېك ماس بېلگىيەنىڭ پايتەختى بريۇسسېلدىكى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ باش ئورگىنىدا تاراتقۇ مۇخبىرلىرىگە :بۇ مەنئى قىلىش بۇيرۇقى سېنگېن رايونىدىكى 26 ئەزا دۆلەت ۋە ئەنگلىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، دېدى، ئۇ شۇ كۈنى باشقا ئەزا دۆلەتلەرگە جازالاش قارارىنى چۈشەندۈرۈپ، ئۇلارنىڭ «زور كۈچ بىلەن قوللىشىغا» ئېرىشتى.

  ياۋروپا سېنگېن رايونىدىكى 26 ئەزا دۆلەت بىر بىرىگە ۋىزا كەچۈرۈم قىلغان، چېگرا تەكشۈرۈشى قىلمايدۇ. رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ دېيىشىچە، ھەر قانداق بىر ئەزا دۆلەت بىخەتەرلىك خەۋپىنى باھانە قىلىپ، ھەر قانساق بىر شەخسكە سېنگېن رايونىنىڭ «چېگرىدىن كىرىشىنى مەنئى قىلىش بۇيرۇقىنى» يۈرگۈزسە بولىدىكەن. بۇ، گېرمانىيە يول قويمىسىلا سەئۇدى ئەرەبىستانىلىق بۇ 18 كىشىنىڭ سېنگېن رايونىدىكى ھەر قانداق بىر دۆلەتكە كىرەلمەيدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.

  ماس مۇنداق دېدى: بۇ 18 كىشىنىڭ ئۈچى خاشۇقجېنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈشنى پىلانلىغان گۇماندار، 15 كىشى پىلاننى ئىجرا قىلغۇچى گۇماندار. گېرمانىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى «شەخسى مەخپىيەتلىكنى قوغداش» دېگەن باھانە بىلەن كونكرېت جازالاش تىزىملىكىنى ئېلان قىلىشنى رەت قىلدى.

  خاشۇقجې 10-ئاينىڭ 2-كۈنى سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسى ئىچىدە قەستكە ئۇچرىغان. سەئۇدى ئەرەبىستانى تەپتىش ئورگىنى مۇشۇ ئاينىڭ 15-كۈنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئېلان قىلىپ، خاشۇقجېنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈلگەن دەپ بېكىتىپ، قەستلەپ ئۆلتۈرۈشكە قاتناشقان 11 گۇماندار ئۈستىدىن شىكايەت سۇنۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بەش كىشىنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىش ئۈستىدە ئىزدەندى.

  ماس مۇنداق دېدى: چېگرىدىن كىرىشنى مەنئى قىلىش بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىشقا قاتناشقان دۆلەتلەر 11-ئاينىڭ 24-25-كۈنلىرى بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ «ھازىرغا قەدەر تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن نارازى ئىكەنلىكى»،يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ جازالاشنى يوققا چىقارمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بىر باياناتچىسى 11-ئاينىڭ 19-كۈنى: گېرمانىيە ھۆكۈمىتى مەملىكەت ئىچىدىكى بىر قانچە قورال-ياراق سودىگىرىنى مال بىلەن تەمىنلەشنى توختىتىشقا دەۋەت قىلدى، «ھازىر گېرمانىيەدىن سەئۇدى ئەرەبىستانىغا ئېكسپورت قىلىدىغان قۇرال-ياراق يوق»، دېدى.

  گېرمانىيە ھۆكۈمىتى ئۆتكەن ئايدىن باشلاپ، سەئۇدى ئەرەبىستانىغا ئالاقىدار قۇرال ئېكسپورت قىلىش يېڭى ئىجازەتنامىسىنى يەنە تارقاتمايدىغان بولدى؛ ئىجازەتكە ئېرىشىپ بولغان ماللار تەسىرگە ئۇچرىمايدۇ.

  ھەربىي سانائەت مۇتەخەسسىسلىرى رېيتېر ئاگېنتلىقى مۇخبىرىغا مۇنداق دېدى: قورال-ياراق سېتىشنى چەكلەش تەسىرىگە ئۇچرىغان جابدۇقلار ئاساسلىقى گېرمانىيە لېرسېن شىركىتى ياسىغان چارلاش پاراخوتى ھەمدە ئايرباس شىركىتى، گېرمانىيە تالېز شىركىتى ۋە ئامېرىكىنىڭ لوكېد مارتېن شىركىتى بىرلىشىپ ياسىغان تۆت يۈرۈش«كۆزئەينەكلىك يىلان» ناملىق زەمبىرەك ئورنىنى ئۆلچەش رادارىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  سەئۇدى ئەرەبىستانى يەنە ياۋروپا كۈرەشچى ئايروپىلانى شىركىتىدىن «تەيفېڭ بورىنى» ناملىق كۈرەشچى ئايروپىلانىدىن 48 نى زاكاز قىلغان ئىدى. ئومۇمىي قىممىتى 12 مىليارد 860 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، بۇنىڭ تەخمىنەن 3دەن 1 قىسىم زاپچاسىنى گېرمانىيە تەمىنلەيدۇ.

  ئەنگلىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە ۋە ئىسپانىيەدىكى ئۈچ ھەربىي سانائەت كارخانىسى بىرلىشىپ مەبلەغ سېلىپ ياۋروپا كۈرەشچى ئايروپىلان شىركىتىنى قۇرغان. گېرمانىيە ھۆكۈمەت ئەمەلدارى فېدېراتسىيە پارلامېنتىنىڭ سورىقىنى قوبۇل قىلغاندا ئىلگىرىكى ئەھۋاللاردىن قارىغاندا، بۇ تۆت دۆلەتنىڭ ھەر قانداق بىرى ياۋروپا كۈرەشچى ئايروپىلانى شىركىتىنىڭ پۈتۈن ئايروپىلان ياكى ئۇنىڭ زاپچاسلىرىنى ئېكسپورت قىلىشى ۋە سېتىشىنى ئۆز ئالدىغا مەنئى قىلالمايدىكەن.

  فىرانسىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى ژاڭ ئىف رېدېرىئاڭ ياۋروپا 1-رادىيو ئىستانسىسىنىڭ مۇخبىرىغا مۇنداق دېدى: فىرانسىيە خاشۇقجېنىڭ قەستكە ئۇچراش دېلوسى ھەققىدە ئىگىلىگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسەن بەلگىلىك كۆلەمدە جازالاشنى تېزدىن قارار قىلىدۇ.

  رېدېرىئاڭ مۇنداق دېدى: فىرانسىيە گېرمانىيە بىلەن جازالاش ھەققىدە «قويۇق ھەمكارلىشىۋاتىدۇ»، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا «سەئۇدى ئەرەبىستانى ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مۇرەككەپ ۋەزىيەتنى ھەل قىلىش ئۇسۇلىغا ئارىلىشىش نىيىتىمۇ يوق». ئۇ فىرانسىيەنىڭ شۇ كىشىلەرگە قانداق ئۇسۇلدا جازا يۈرگۈزىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرمىدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر