باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا ۋېنېزۇئېلاغا «تېررورلۇقنى قوللىدى»دېگەن قالپاقنى بېرىش ئىستىكىدە بولدى

2018.11.22 16:48         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئەھۋالدىن خەۋەردار ئەربابىنىڭ ئۈلۈشكۈن ئاشكارىلىشىچە، ئامېرىكا ۋېنېزۇئېلانى «تېررورلۇقنى قوللىغان دۆلەت» تىزىملىكىگە كىرگۈزمەكچى بولغان. بۇ قالپاق كىيگۈزۈلگەن ھامان، ئامېرىكا ۋېنېزۇئېلاغا بېرىلىدىغان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمىنى چەكلەپ، پۇل مۇئامىلە ۋە ئىقتىساد ساھەسىگە يەنىمۇ بېسىم قىلالايدىكەن.

  بىراق، ئامېرىكا ۋېنېزۇئېلانىڭ ئاتالمىش «تېررورلۇقنى قوللىغانلىقى» ھەققىدىكى ئىسپاتنى چىقىرالماسلىقى مۇمكىن. ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى بەزى مۇتەخەسسىسلەر بۇنداق قىلىشنىڭ ئەكسىچە ئۈنۈم بېرىشىدىن ئەندىشە قىلدى.

  «ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى» ئامېرىكا ئەمەلدارى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى پوچتا يوللانمىلىرىنى خەۋەر مەنبەسى قىلىپ تۇرۇپ ھەممىدىن بۇرۇن بۇ يۈزلىنىش ھەققىدە خەۋەر بەردى. ئەھۋالدىن خەۋەردار بىر ئەربابنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنرەك رېيتېر ئاگېنتلىقى مۇخبىرىغا ئېيتىشىچە، ۋېنېزۇئېلانى «تېررورلۇقنى قوللىغان دۆلەت» تىزىملىكىگە كىرگۈزۈش تەدبىر ۋاقىت جەدۋىلى تېخىمۇ بېكىتىلمىگەن.

  ئىچكى قىسىمدىكى بەزى پوچتا يوللانمىلىرىدىن ئايان بولۇشىچە، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى يېقىندا نۇرغۇن ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدىن قوللانماقچى بولغان بۇ تەدبىرىگە پىكىر بېرىشنى تەلەپ قىلغان، بۇ تاشقى ياردەمگە مەسئۇل ئامېرىكا خەلقئارا تەرەققىيات مەھكىمىسى، سەھىيە ۋە ئاممىۋى مۇلازىمەت مىنىستىرلىقى ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق كېسەللىك كونترول قىلىش ۋە ئالدىنى ئېلىش مەركىزىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. ئالايلۇق، سەھىيە مىنىستىرلىقىدىن ناۋادا مەلۇم دۆلەتنى «تېررورلۇقنى قوللىغان دۆلەت» دەپ بېكىتسە، بۇ ئامېرىكىنىڭ ئۈچىنچى تەرەپ مەبلەغ ياردىمى ئارقىلىق بۇ دۆلەتنىڭ سەھىيە تۈرىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى ھەققىدە قايتما ئىنكاس بېرىشنى تەلەپ قىلىش قاتارلىقلار.

  ئىچكى قىسىمدىكى بۇ پوچتا يوللانمىلىرىدا قايسى دۆلەت ئىكەنلىكى كۆرسىتىلمىگەن، بىراق دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى ئالدىنقى ھەپتە ھۆكۈمەتنىڭ 20دەك ئورگىنىنى چاقىرتىپ تېلېفون يىغىنى ئاچقان، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ ئەمەلدارى ئىلزابىت ۋىليامىس بۇنىڭ ۋېنېزۇئېلا ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ: ھۆكۈمەت «پات ئارىدا» قارار چىقىرىدۇ دېگەن.

  فىلورىدا ئىشتاتىنىڭ قوشما ئىشتات كېڭەش پالاتا ئەزاسى رۇبىئو بىلەن جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ ئىككى كېڭەش پالاتا ئەزاسى بۇ يىل 9-ئاينىڭ ئاخىرى دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى پومپىئوغا خەت يېزىپ، ۋېنېزۇئېلانى «تېررورلۇقنى قوللىغان» دۆلەت قاتارىغا كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلىپ، ۋېنېزۇئېلا ھۆكۈمىتى بىلەن لىۋان ئاللاھ پارتىيەسى، كولۇمبىيەدىكى ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىق تەشكىلات «كولومبىيە ئىنقىلابى قوراللىق كۈچلىرى» قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭ ئالاقىسى بار دەپ كۆرسەتتى، بىراق ھېچقانداق ئىسپات بىلەن تەمىنلىمىدى.

  ئامېرىكا دائىرىلىرىنىڭ ۋېنېزۇئېلانى «تېررورلۇقنى قوللىغان» دۆلەت قاتارىغا كىرگۈزۈشنى ئويلىشى ھەققىدە دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ بىر باياناتچىسى بۇنىڭغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلىپ: تاراتقۇلارنىڭ سوئالى «قىياسەن چىقىرىلغان» مەسىلە دېدى. ئامېرىكا ئاق سارىيى، ۋېنېزۇئېلا ئاخبارات مىنىستىرلىقى شۇ كۈنى رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرمىدى.

  ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان ئامېرىكىنىڭ بىر ئەمەلدارى ئېتىراپ قىلىپ: ئامېرىكىغا نىسبەتەن، قىيىن مەسىلە ۋېنېزۇئېلا ھۆكۈمىتىنىڭ تېررورىزم بىلەن ئالاقىسى بارلىقى ھەققىدىكى ئىسپاتنىڭ يوق بولغانلىقىدا دېدى.

  ئامېرىكىدىكى بەزى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، ئاتالمىش ۋېنېزۇئېلا ئامېرىكىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سالدى، ئۇنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن ئالاقىسى بار دېگەنلەرگە ئىشىنىشكە بولمايدىكەن. ئۇلار ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېدى: ناۋادا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋېنېزۇئېلانى «تېررورلۇقنى قوللىغان دۆلەت» تىزىملىكىگە كىرگۈزۈپ، بۇ ھەقتە كونكرېت ئىسپات كۆرسىتەلمىسە، بۇ تىزىملىكنىڭ يوللۇق خاراكتېرىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ.

  ۋاشىنگتون لاتىن ئامېرىكىسى تەتقىقاتخانىسىنىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى سىمېرد: مەن ئامېرىكا ئېرىشكەن ئاخباراتنى «مىش-مىش گەپ» مىكىن دەپ گۇمانلىنىمەن، «ئۇچۇر مەنبىيىنىڭ ئىشەنچلىكلىكى گۇمان قوزغايدۇ»دېدى.

  ئامېرىكا دائىرىلىرى ئاتالمىش «تېررورلۇقنى قوللىغان» دۆلەتلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزگەنلەردىن ھازىر ئىران، چاۋشيەن، سۇدان ۋە سۇرىيەدىن ئىبارەت تۆت دۆلەتلا بار. نۇرغۇن كىشىلەر بۇ تىزىملىكنى چىقىرىشتا سىياسىي مۇددىئا بار، يەنە كېلىپ ئالدى كەينى بىردەك ئەمەس دەپ تەنقىدلىدى.

  2008-يىلى شۇ ۋاقىتتىكى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن بولغان زۇڭتۇڭ گىئورگى بوش رەھبەرلىكىدىكى ھۆكۈمەت چاۋشيەننى «تېررورلۇقنى قوللىغان دۆلەت» تىزىملىكىدىن چىقىرىۋەتكەن؛ 2017-يىلى 11-ئايدا ھازىر ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى ھۆكۈمىتى قايتىدىن كىرگۈزگەن. بىرىنچى قېتىم تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن لاتىن ئامېرىكىسى دۆلىتى كۇبا. 2015-يىلى ئامېرىكا بىلەن كۇبانىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، شۇ ۋاقىتتىكى دېموكراتلار پارتىيەسىدىن بولغان زۇڭتۇڭ ئوباما رەھبەرلىكىدىكى ھۆكۈمەت كۇبانى تىزىملىكتىن چىقىرىۋەتكەن.

  ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 2017-يىلىدىن بۇيان ۋېنېزۇئېلانى نۇرغۇن قېتىم جازالاپ كەلدى، جازالاش ئوبېكتى ۋېنېزۇئېلانىڭ ئالىي قاتلىمىدىكى كىشىلەر، مەسىلەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى، مۇئاۋىن زۇڭتۇڭ، زۇڭتۇڭ نىكولاس مادورونىڭ ئايالى قاتارلىقلار. 11-ئاينىڭ 1-كۈنى تىرامپ مەمۇرىي بۇيرۇق ئىمزالاپ، ۋېنېزۇئېلانىڭ ئالتۇن ئېكسپورتىنى جازالاپ، مادورو ھۆكۈمىتىنىڭ كىرىم مەنبەيىنى بوغۇپ قويماقچى بولدى.

  ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بىر ئالىي ئەمەلدارى مۇشۇ ئاينىڭ باشلىرى رېيتېر ئاگېنتلىقى مۇخبىرىغا: ئاق ساراي «بارلىق يوشۇرۇن يوللار» ئارقىلىق مادورو ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىشنى ئويلىشىۋاتىدۇ دېگەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر