باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

بىڭتۈەننىڭ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش خىزمىتى يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

  سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن سۆز قىلدى

2018.11.26 13:48         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرلىرىمىز لى ياڭ، جاڭ شياۋيەن خەۋەر قىلىدۇ: 11- ئاينىڭ 23- كۈنى، بىڭتۈەننىڭ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۈەن پارتكومىنىڭ شۇجىسى، سىياسىي كومىسسار سۈن جىنلۇڭ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى پېڭشىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  سۈن جىنلۇڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى ۋە بىڭتۈەننىڭ ئورنىنى بېكىتىش تەلىپى بىڭتۈەننىڭ ئىسلاھات- تەرەققىياتىنى تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى، قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئىگە قىلدى. چوڭقۇر ھېس قىلىپ، مىننەتدارلىقنى قەلبىمىزگە پۈكۈپ، «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا يەنىمۇ بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىڭتۈەننىڭ ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى كەسكىن، قەتئىي ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق پارتىيەگە بولغان ساداقىتىمىزنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشىمىز كېرەك.

  سۈن جىنلۇڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى ۋە يەرلىكتىكى ھەر دەرىجىلىك ھەرقايسى تارماقلارنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى بىڭتۈەننىڭ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىغا ياخشى شارائىت يارىتىپ بەردى. بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، بىڭتۈەننىڭ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىلىپ، دەسلەپكى نەتىجە- ئۈنۈمى كۆرۈلدى، «پارتىيە» رەھبەرلىكى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىلدى، «ئەسكەر»لىك ئىقتىدارى قايتا تەشكىللەندى، «ھۆكۈمەت»لىك ئېڭى يېتىلىۋاتىدۇ، «كارخانا»لىق بازار سۇبيېكتلىق ئورنى بېكىتىلدى. بىز پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك ھەرقايسى تارماقلارنىڭ قوللىشىدا، دىققەتنى شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىغا پۇختا مەركەزلەشتۈرۈپ، بىڭتۈەننىڭ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىنى مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ تىرىشىپ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشىمىز كېرەك. «شاھمات كۆزى» ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن بىڭتۈەننىڭ جەنۇبقا تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، مۇھىم ھالقىلاردىكى ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى چىڭ تۇتۇپ، بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنىڭ چوڭقۇر گىرەلىشىشى، چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، يەرلىكنىڭ ياخشى ئۇسۇل، ياخشى تەجرىبىلىرىنى پائال، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆگىنىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېكىتكەن نىشان- ۋەزىپىلەرنى قەتئىي ئورۇنداپ، بىڭتۈەننىڭ ئالاھىدە رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە مۇلازىمەت قىلىشىمىز كېرەك.

  لى پېڭشىن مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىڭتۈەن خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، بىڭتۈەن خىزمىتىنى ئىستراتېگىيە نۇقتىسىدىن ئويلىشىپ ۋە پىلانلاپ، بىڭتۈەننىڭ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىغا قارىتا مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇش قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى كەسكىن، قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ كۈچى ئارقىلىق بىڭتۈەننىڭ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىنى قوللاپ، باسقۇچ خاراكتېرلىك نەتىجە- ئۈنۈمىگە ئېرىشتى.

  لى پېڭشىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك ھەرقايسى تارماقلار سىياسىي يۈكسەكلىكنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، ئومۇملۇق ئېڭىنى كۈچەيتىپ، بىڭتۈەننى تەرەققىي قىلدۇرۇش، زورايتىشنى بۇرچ قىلىپ، بىڭتۈەننىڭ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىنى ئۆز ۋەزىپىسى قىلىپ، بىڭتۈەننىڭ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى ۋە جەنۇبقا تەرەققىي قىلىشىنى بىرتۇتاش ئۆزلەشتۈرۈپ ئىگىلەپ، بىرتۇتاش ئىزچىللاشتۇرۇپ يولغا قويۇپ، بىرتۇتاش تەكشۈرۈپ ئۈنۈمىنى سۈرۈشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇشى كېرەك. خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، بىڭتۈەننىڭ نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ئىسلاھاتىنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىشىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئالغا سىلجىتىش كېرەك؛ جەنۇبىي شىنجاڭدا بىڭتۈەننىڭ كەسىپلەرنى زورايتىشىنى قوللاش، ئۇل ئەسلىھەلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، تەرەققىيات بوشلۇقىنى كېڭەيتىش، كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىن تۇتۇش قىلىپ، بىڭتۈەننىڭ جەنۇبقا تەرەققىي قىلىشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىش كېرەك؛ دىققەتنى تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ تۈزۈشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۇل ئەسلىھەلەرنى ئورتاق قۇرۇپ، ئورتاق باشقۇرۇپ، كەسىپلەر تەرەققىياتىدا ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىش ۋە ئاممىۋى مۇلازىمەت بايلىقىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنىڭ چوڭقۇر گىرەلىشىشى، چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىش كېرەك. تەشكىلىي رەھبەرلىكنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خىزمەت بىرىكمە كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، ياخشى كەيپىيات يارىتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، بىڭتۈەننىڭ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى ۋە جەنۇبقا تەرەققىي قىلىشىنى ئالغا سىلجىتىشتا يېڭى بۆسۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، بىڭتۈەن پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، سىلىڭيۈەن پېڭ جيارۈي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىن تېلېۋىزىيە- تېلېفون يىغىنى شەكلىدە ئۆتكۈزۈلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر