خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: چۈەنجوۋ شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى 25-نويابىر چۈشتىن كېيىن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، چۈەنگاڭدىكى پارچىلانغان كاربون-9 ئېقىپ كېتىش ۋەقەسىنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە ۋەقەنى تەكشۈرۈشنىڭ ئەڭ يېڭى ئەھۋالىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى. ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دېيىلدى: تەكشۈرۈش ئارقىلىق، چۈەنگاڭ خىمىيەۋى بويۇملار ئېقىپ كېتىش ھادىسىسى ئاساسلىقى كارخانىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرمىگەنلىكىدىن كېلىپ چىققان بولۇپ، جەمئىي 69.1 توننا خىمىيەۋى بويۇملار ئېقىپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. نۆۋەتتە، بىۋاسىتە مەسئۇل يەتتە خادىمنى قولغا ئېلىش تەستىقلاندى. ئۇندىن باشقا، مېيجوۋۋەن پورت باشقۇرۇش ئىدارىسى، چۈەنجوۋ شەھەرلىك قاتناش-تىرانسپورت كومىتېتى، چۈەنگاڭ رايونى قاتارلىق ئالاقىدار يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ۋە تارماقلارنىڭ مۇناسىۋەتلىك خادىملىرىمۇ بىر تەرەپ قىلىندى.
سۈرەتتە: فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ چۇەنجوۋ شەھىرى چۈەنگاڭ رايونىنىڭ نەنپۇ بازىرى شياۋسو كەنتى ئەتراپىدىكى دېڭىز تەۋەسىدە، خىزمەتچى خادىملار لەيلىمىلەرنى تازىلاپ، ماي سۈمۈرۈش قەغىزى ياتقۇزماقتا (6-نويابىر فوتوسى).
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى