باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دورا تەتقىقات مەركىزى ئۆزبېكىستاندا قۇرۇلدى

2018.11.26 16:15         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئوتتۇرا ئاسىيا دورا تەتقىقات مەركىزىنىڭ پۈتۈش مۇراسىمى 23- نويابىر ئۆزبېكىستاننىڭ پايتەختى تاشكەنتتە ئۆتكۈزۈلدى. شۇ كۈنى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا پەن-مائارىپ بازىسى تاشكەنتتە يوپۇق ئېچىپ رەسمىي قۇرۇلدى.

  جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ باشلىقى بەي چۈنلى مۇنداق دېدى: بۇ مەركەز جۇڭگو-ئۆزبېكىستان ئىككى دۆلەتنىڭ پەن-تېخنىكا ۋە مائارىپ ھەمكارلىقىنىڭ مۇھىم سۇپىسى بولۇپ، ئۇ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى دورا ئۆسۈملۈك بايلىقىنى تەتقىق قىلىش ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ساھەسىدىكى پەن تەتقىقات ئالماشتۇرۇش، بايلىقتىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش ۋە ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە ئۆزىنىڭ ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ، شۇنداقلا، جۇڭگو بىلەن «بىر بەلباغ، بىر يول» بويىدىكى دۆلەتلەرنىڭ پەن-تېخنىكا ھەمكارلىقلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يىپەك يولى بويىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر