خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى 11- ئاينىڭ 23- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، يولداش ليۇ شاۋچى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 120 يىللىقىنى خاتىرىلىدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: كوممۇنىزم ئۈچۈن ئۆمۈرۋايەت كۈرەش قىلىدىغان قەتئىي ئىشەنچ ئەۋلادمۇئەۋلاد ئىز بېسىپ كېلىۋاتقان كوممۇنىستلارنىڭ بوران-چاپقۇندىمۇ توسقۇنلۇققا ئۇچرىماي، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىشىگە ئىلھام بەرمەكتە. تارىخنىڭ كۈچ ئۇلاش تايىقى قولىمىزغا تاپشۇرۇلدى. بىزنىڭ مۇشۇ يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا ئۇلۇغ كۈرەشلەرنى ئېلىپ بېرىشىمىز، ئۇلۇغ قۇرۇلۇشلارنى قىلىشىمىز، ئۇلۇغ ئىشلارنى ئالغا سىلجىتىشىمىز، ئۇلۇغ ئارزۇلارنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز دەل يولداش ليۇ شاۋچى قاتارلىق پېشقەدەم بىر ئەۋلاد ئىنقىلابچىلارنىڭ ئۆمۈر بويى كۈرەش قىلغان ئۇلۇغ ئىشلىرىغا ۋارىسلىق قىلغانلىقىمىز ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرغانلىقىمىز بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن لى كېچياڭ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ قاتارلىقلار سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى لى جەنشۇ سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
شى جىنپىڭ سۆزىدە ئالدى بىلەن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بىز ھازىر ئىنتايىن ھۆرمەتلەيدىغان ھېسسىياتىمىز بىلەن بۇ يەردە داغدۇغىلىق يىغىن ئۆتكۈزۈپ، يولداش ليۇ شاۋچى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 120 يىللىقىنى خاتىرىلەپ، ئۇنىڭ پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرى ئۈچۈن قوشقان ئۆچمەس تۆھپىلىرىنى ئەسلەپ، ئۇنىڭ مىللىي مۇستەقىللىق ۋە خەلقنىڭ ئازادلىقى، دۆلەتنىڭ قۇدرەت تېپىشى ۋە خەلقنىڭ بەختى ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلغان شانلىق ھاياتىنى ياد ئېتىپ، ئۇنىڭ ئالىيجاناب روھىي ئىستىلىنى ئۆگىنىپ ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىپ، پۈتۈن پارتىيە ۋە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن داۋاملىق كۈرەش قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇۋاتىمىز.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى